قازاقىستان پىرېزىدېنتى: دۆلەتتە قانۇن تەرتىپى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

قازاقىستاندىكى يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىش ۋە جىددىي ھالەت داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

ئەڭ يېڭى خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايوف بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتە قانۇن تەرتىپى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن .يېڭى يىل كىرىشى بىلەن قازاقىستان خەلقى كوچىلارغا چىقىپ، يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى نامايىش قىلغاندىن كېيىن، دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق باشلانغان. بۇ ۋەقەلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرلۈك توقۇنۇشلاردا نەچچە ئون كىشىنىڭ قازا قىلىپ، يۈزلىگەن پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

7-يانۋار قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتە قانۇن تەرتىپىنىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قازاقىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى توقايوفنىڭ ئاممىغا قىلغان خىتابىنى ئېلان قىلغان. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالمۇتىدا 3000 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا تەۋە بارلىق ئىمارەتلەرنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مىنىستىرلىق باياناتىدا قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت بويىچە، بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوزغىغان ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، بارلىق شەھەرلەردىكى باشقۇرۇش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى بىنالىرىنىڭ تازىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا 70 تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تەرتىپنى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى قوغداش، كوچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، «تېررورلۇق خەۋپى» قىزىل دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن.

باياناتتا نامايىشچىلاردىن 26 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 18 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 748 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «قوراللىق ھۇجۇم چەت ئەلدە تەربىيەلەنگەن تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلگەن.

ئالدىنقى كۈنلەردە قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان نامايىشتا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانىدى. نامايىشچىلار ساقچى ماشىنىلىرى ۋە ھەربىي ماشىنىلارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا بېسىپ كىرگەن بولۇپ، پىرېزىدېنت توقايوف نامايىشنى ئەيىبلىگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسپاتنامىسىنى قوبۇل قىلغانىدى. نامايىشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سەۋەبلىك، توقايوف كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) دىن ياردەم سورىغانىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت توقايوف تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە دائىرىلەر بىلەن يىغىن چاقىرغانلىقىنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە ئارمىيەگە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىنلا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇندىن باشقا قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروفنىڭ تەستىقلىشىدىن كېيىن، قىرغىزىستان مىنىستىرلار كېڭىشى پارلامېنتقا سۇنغان قىرغىز ئەسكەرلەرنىڭ قازاقىستانغا ئەۋەتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامە پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە تالاش-تارتىش قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2022 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق