ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتايغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 7-يانۋار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا: «ئىككى دۆلەت ئورتاق تىرىشىپ، رايوننى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان پائالىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنكاس قايتۇرۇشنى قارار قىلدى» دېيىلگەن.

بايانات ئېلان قىلغان ئەمەلدارلار يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇھىم ئىشلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تور يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى باشلاش ھەققىدە كېلىشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2022 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق