نىگېرىيەدە بىر نەچچە خىتاي تۇتقۇن قىلىندى

نىگېرىيە ساقچىلىرى 6-يانۋار نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سۇ ئېلېكتىر توسمىسىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئۈچ خىتاينى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، قوراللىقلار تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە كەم دېگەندە ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ساقچى باياناتچىسى ۋاسىيۇ ئابىيودۇن نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ 4-يانۋار چۈشتىن كېيىن نىگېر ئىشتاتىدىكى «SinoHydro» تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئەسلىھەلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساقچى ئەترىتى ھۇجۇم قىلغۇچى قوراللىقلار بىلەن قوراللىق تۇتۇشۇش ئارقىلىق، تۆت چەت ئەللىك قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ۋە ئىككى يەرلىك خىزمەتچى ئوق تېگىپ يارىلانغان. كېيىن يەرلىكتىكى ئىككى خىزمەتچى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.

ساقچىلارنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ توقۇنۇش جەريانىدا ئۈچ چەت ئەللىك بىخەتەر ئورۇنغا يەتمەكچى بولغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۈچ چەت ئەللىك خىتاي پۇقراسى ئىكەن.

نىگېرىيە ئافرىقا قىتئەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ھەر دائىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە ئىشلەۋاتقان چەتئەللىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى نىشان قىلىپ، ئۇلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىكەن. يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خىتايلار نىگېرىيەدە نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى كان، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشچى خىتايلار قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسلىق نىشانغا ئايلانغان. گەرچە نىگېرىيە ياكى خىتاي دائىرىلىرى ھۇجۇم قىلغان قوراللىقلارغا پۇل بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق تۇتقۇن قىلىنغان كىشى ئادەتتە تۆلەم تۆلەنگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق