خىتاي دۇنيادىكى ئاشلىقنىڭ يېرىمىنى يىغىۋالغان

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2021-يىلى خىتاي پۈتۈن دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق زاپىسىنىڭ يېرىمىنى يىغىۋالغان.

خىتاينىڭ «خەلقئارا يېمەكلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش ئىدارىسى» بۇ ھەقتە توختىلىپ، يىغىۋېلىنغان ئاشلىق زاپىسىدىن پەقەت بۇغداينىڭ خىتاي نوپۇسىغا بىر يېرىم يىل يېتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاشلىق يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك، ئېغىر ئاچارچىلىق تەھدىتىگە ئۇچراپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرنىڭ سانى 820 مىليوندىن ئاشقان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 4-ئايدا ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ئۆز ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئاساسلىق ئاشلىقلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يىغىپ ساقلاشقا باشلىغان. مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ ئاشلىق يىغىپ ساقلاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئاشلىق يىغىۋېلىشنى 2022-يىلىمۇ داۋاملاشتۇرسا، پۈتۈن دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان قوناقنىڭ %69 ىنى، گۈرۈچنىڭ %60 ىنى، بۇغداينىڭ %51 ىنى يىغىۋالىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 612 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2022 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق