قازاقىستاننىڭ مۇقىمسىزلىقى خىتاينى ئەندىشىگە سالدى

قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىمسىز ۋەزىيىتى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھەر قانداق كۈچنىڭ قازاقىستاننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، قازاقىستانغا زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ 7-يانۋار قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوفقا ئۇچۇر يوللاپ، قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق كۈچكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سىرتقى كۈچلەرنىڭ قازاقىستاندا قەستەن «رەڭلىك ئىنقىلاب» پەيدا قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «قازاقىستان مەيلى قانداق خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلسۇن، قازاقىستان خىتاينىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىق رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى ئاساسىدىكى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار قازاقىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئەتراپتىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى، داۋالغۇشنىڭ ئۆز دۆلىتىگىچە كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «قازاقىستان سوتسىيالىستىك ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات قازاقىستان تاراتقۇلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھىت بۇلغاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان 51 خىتاي زاۋۇتىنى قازاقىستانغا يۆتكەش پىلانىنىڭ چوقۇم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش بىناسى ۋە ئولتۇراق رايونى سېلىشنى چوقۇم چەكلەش كېرەكلىكىنى، خىتاي شىركەتلىرى چوقۇم كاسپىي دېڭىزى ۋە قازاقىستاننىڭ غەربىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا كانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ چوقۇم قازاقىستان شىركەتلىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى، يەر، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە بارلىق بايلىقلارنىڭ چوقۇم خەلققە تەۋە بولۇشى، بۇلارنىڭ پايدىسى ھۆكۈمەتكە يېقىن مىلياردېرلار ياكى مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان خەلققە تەۋە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2022 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق