پارلامېنت ئەزالىرى «AirBnB»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا پائالىيەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ  ئىككى ئەمەلدارى ئۆي ئىجارە بېرىش سۇپىسى «AirBnB»غا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا پائالىيىتىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋەدىسىگە بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ  رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى ۋە كومىتېتنىڭ بىرلەشمە رەئىسى جىم مىكگوۋېرن 7-يانۋار «Airbnb»نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىراين چېسكىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسى ۋە سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار مەكتۇپتا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ئېلان قىلغان «Airbnb» غا ئالاقىدار بىر قىسىم ئۆي-مۈلۈكلەرنىڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرگە جايلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەكتۇپتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ يېرىم ھەربىي ئورگان ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ئورگاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جىنايىتىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

مەكتۇپتا «Airbnb» شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىمىگەنلىكى، مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغان بىر دۆلەتتە تىجارەت قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

«Airbnb» شىركىتى يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن ئون نەچچە خەلقئارالىق شىركەتنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قىلمىشىمۇ كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2022 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق