ئېتىپ تاشلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ئالمۇتىدا جىددىيچىلىك پەسەيمىدى

پىرېزىدېنت توقايوف بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرماستىن ئېتىش بۇيرۇقى بەرگەن بولسىمۇ، نامايىش ۋە توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئالمۇتىدا قوراللىق ئېتىشىشلار ئەۋج ئالغان.

ئەڭ يېڭى خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-يانۋار قازاقىستاندا باشلانغان نامايىش قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان بولۇپ، پىرېزىدېنت توقايوف بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرماستىن ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، نامايىشچىلارنى توختىتالمىغان. قازاقىستاندىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ئالمۇتا شەھىرىدە جىددىي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەن سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتىدا كۈچلۈك مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقان بولۇپ، توقۇنۇشلار داۋام قىلغان.

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە قولغا ئېلىنغانلار 4266 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر يېزىدىنلا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. جامبىل ئۆلكىسىدە قورال ئامبىرى بايقالغاندىن سىرت، ئالمۇتىدىكى ماشىنا مۇلازىمەت بىناسىدىن قورال ۋە ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتىدا چوڭ تىپتىكى مال سېتىۋېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرى، قەھۋەخانا ۋە رېستورانلار ئاساسەن تاقالغان بولۇپ، پەقەت بازارلاردىن مال سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى داۋاملىق مۇلازىمەت قىلماقتىكەن. نۆۋەتتە بانكىلار ۋە سەرراپخانىلارنىڭ خىزمىتىنى توختىتىشى ۋە تورنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبلىك، نەق پۇلغا ئېھتىياجلىق شەھەر ئاھالىلىرى پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۈرگەن. پايتەخت نۇرسۇلتاندا كېچىدە يۈرۈش چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، تەرتىپ ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان.

تۈركىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن تەشكىل تاپقان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قازاقىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەلەردە قازاقىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز ۋە ئەزايىمىز بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز... قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە قازاقىستان خەلقى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلايمىز» دېگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 790 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2022 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق