خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 6-يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ خەلقئارا شىركەتلەرنى جازالىشى خىتايغا ئوچۇق ئاشكارا سىياسىي تەھدىت سالغانلىق» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاينىڭ زۇۋانى خەلق تورىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش جىنايى قىلمىشىنى يەنە ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا يېقىندا يولغا قويۇپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى بىلجىرلاپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنى تەرەپ تاللاپ ئۆچرەتتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي نۇرغۇن پاكىت، ئەمەلى ئىسپاتلار ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك ۋە قۇللۇق سىياسىتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولۇپ، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇتقۇنلار ھەمدە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
ئالدىنقى يىلى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىستىقلال خەۋەر مەركىزىمىزگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ خەلقئارادا قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى.
مەكتۇپتىكى مەلۇماتلاردا، خىتاينىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى دائىم مەجبۇرى ئەمگەككە سالىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ داۋاملىق مەجبۇرى ئەمگەككە ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى، ئەمگەك قىلىشنى رەت قىلغانلارنى 48 سائەت ئېسىپ قويۇپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن بارلىق قىيناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى، مەجبۇرى ئەمگەك مەركەزلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكى قاتارلىقلار بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى باشتىن-ئاخىر ئىنكار قىلىش يولى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان چەتئەلدە خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئېكرانغا چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈشكە ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ باشقا يەرلەردە مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا. خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاققۇن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، يەر بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ