قازاقىستاندا قولغا ئېلىنغانلار سەككىز مىڭغا يېقىنلاشتى

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 7 مىڭ 939 غا يەتكەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ 10-يانۋارغىچە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ 7939 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، ئالمۇتىدىكى ئىككى بازاردا 207 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ ھەرىكەتتە 5 ئوغرىلانغان ماشىنا ۋە كومپيۇتېر، چالغۇ ئەسۋاب ۋە قورال قاتارلىق ئوغرىلانغان بۇيۇملارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىمۇ ئالمۇتىدىكى نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇچۇرلاردا، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ 4-ۋە 8-يانۋار كۈنلىرى شەھەردىكى ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان جايدىن مىلتىق ۋە دىنىي كىتابلارنىڭ تېپىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«mynet.com» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇلتان كامالېتدىنوۋ ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قوماندانى ئاندرېي سېرديۇكوۋ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، كامالېتدىنوۋ دۆلەت ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقى ۋە كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۆۋەتتە داۋاملاشماقتا، تېررورچىلار پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ھەرىكەت داۋاملىشىدۇ» دېگەن. كامالېتدىنوف يەنە «CSTO» كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قازاقىستان خەلقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

باياناتتا سېرديۇكوۋ يەنە قازاقىستان زېمىنىغا كوللېكتىپ تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ ئاللىقاچان مۇھىم مەمۇرىي ۋە ھەربىي رايونلارنى كونترول قىلغانلىقىنى، تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىيەت پۈتۈنلەي مۇقىملاشمىغۇچە ھەرىكەتنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستاننىڭ ۋاقىتلىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يېرلان تۇرگۇمبايېۋ بايانات ئېلان قىلىپ:

2-يانۋار سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز (LPG) نىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىش يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە قوراللارنى قولغا چۈشۈرۈش بىلەن باشلانغانلىقىنى، 4-يانۋار كۈنى، نامايىشچىلار ئاتراۋ، قىزىل ئوردا، ئالمۇتا، ئاقتۇبىنسك، جامبۇل رايونى ۋە سېمېي قاتارلىقلار شەھەرلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى، 5 رايوندىكى مەمۇرىي بىنالارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تۇرگۇمبايېۋ باياناتتا 2-يانۋاردىن باشلاپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 400 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل 346 ساقچى ماشىنىسى ۋەيران بولغانلىقىنى، كېلىپ چىققان زىيان 212 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاندىكى ۋەقەلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 164 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئالمۇتىدىلا 103 ئادەم قازا قىلغان. قازاقىستان مىقياسىدا 2200 ئادەم يارىلانغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۈجمەل سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 40 دىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 كىشىنىڭ قوراللىق ساقچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى نامايىش 2-يانۋار قازاقىستاننىڭ غەربىدە باشلانغان بولۇپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز (LPG) نىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 589 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2022 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق