خىتايدا تۇنجى قېتىم ئومېكرون نۇسخىسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

ئومىكروننىڭ تۇنجى يەرلىك ۋارىيانتى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھرىدە بايقالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كەم دېگەندە ئۈچ ئەۋلاد تارقىلىپ يۈرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س رادىيو شىركىتىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تيەنجىندە بايقالغان ئومېكروننىڭ يەرلىك ۋارىيانتى تۇنجى قېتىم 8-يانۋار ئەتىگەندە بايقالغان بولۇپ، دوختۇرلار يۇقۇملانغان ئىككى كىشىنى جەزملەشتۈرگەن. شەنبە كۈنى پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە، دائىرىلەر نۇقتىلىق گۇرۇپپىلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 9 دىن باشلاپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 18 كىشى بايقالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تيەنجىن بېيجىڭغا يېقىن بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىر ئايدىن ئاز ۋاقىت قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قايتا ئۆرلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. خېنەندىكى يېڭى جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلارنىڭ سانى ھەر كۈنى ئىككى ھەسسە ئاشقان. شەنشىدە يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئۈچ ھەسسە ئاشقان. خىتايدىكى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بەزى خىتاي شەھەرلىرىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك كىشىلەر تۇرمۇشتا قولايسىزلىق ياكى ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەن.

ئۇندىن باشقا تيەنجىن ۋە خېنەندىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، تيەنجىندە بايقالغان 20 بىمار ئىچىدە كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بار ئىكەن. ئەڭ دەسلەپ 29 ياشلىق بالىلار باغچىسى ئىشچىسى ۋە 10 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 602 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق