قازاقىستان پىرېزىدېنتى: رۇسىيە قىسىملىرى 12 كۈن ئىچىدە چېكىنىدۇ

قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ھەربىي بىرلەشمىنىڭ 12 كۈن ئىچىدە ئەسكەرلىرىنى قازاقىستاندىن چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف 11-يانۋار پارلامېنتقا: «رۇسىيە باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) ھەربىي بىرلەشمىسى ئىككى كۈندىن كېيىن قىسىملىرىنى قازاقىستاندىن چېكىندۈرۈشكە باشلايدۇ» دېگەن.

ئۆ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىرلەشمە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئون كۈن ئىچىدە دۆلەتتىن تولۇق چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قازاقىستاندىكى نامايىش ۋە مالىمانچىلىق 2-يانۋار قازاقىستاننىڭ غەربىدە باشلانغان بولۇپ، يېقىلغۇ گازنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيگەنىدى. بۇ سەۋەبلىك ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستان ھۆكۈمىتى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2022 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق