تەشكىلات مەسئۇللىرى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپادىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى گوللاندىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋەقفى رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ بىلەن  گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز 10-يانۋار گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى تۇناخان قۇزۇ ۋە يىلدىرىم بىلەن  كۆرۈشكەن بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 376 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2022 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق