تەشكىلاتلار بىرلىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

10-يانۋار ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىرلىك نامىدىن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا تۈركىيەنىڭ بىر قانچە شەھىرىدە ۋە ياۋروپادىكى ئەزا تەشكىلاتلار پائالىيەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش، ئولىمپىك كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللاش ۋە تۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش پائالىيەتلىرى تەشكىللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە بىرلىكنىڭ 23-يانۋار تۈركىيە ئولىمپىك كومىتېتى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق سۈپىتىدە مارافونچە يۈگۈرۈش پائالىيىتى تەشكىللەيدىغانلىقى، 4-فېۋرال تۈركىيەنىڭ بىر قانچە شەھىرىدىكى ۋە بىر نەچچە ياۋروپا دۆلىتىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا يەنە 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 441 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2022 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق