سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللاھ ۋەلى داموللام بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىش 10-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار ھەمدۇللاھ ۋەلى داموللام بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، «ھەمدۇللاھ ۋەلىگە ئەركىنلىك»، «نۇرمۇھەممەت روزىغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ھەمدۇللا داموللامنىڭ قىزى سۈمەييە ئايتۈرك ۋە يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار 11-يانۋار ئوخشاش ئورۇندا نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان. سۈمەييە ئايتۈرك سەئۇدى ھۆكۈمىتى دادىسىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمىگۈچە، نارازىلىق نامايىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە خەلققە خىتاب قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى نارازىلىق نامايىشىغا چىقىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت داۋاملىشىدىكەن. نامايىش نۆۋەتتە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، بۈگۈن رايونلۇق بىخەتەرلىك تارماقلىرى كونسۇلخانا ئالدىدىكى قوغدىغۇچى خادىملارنى كۆپەيتكەن.

ھەمدۇللاھ ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان بولۇپ، كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن تۇتۇپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار بولسىمۇ، ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 927 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2022 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق