ئىستانبۇلدىكى ئالتاي مەسچىتى

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا «ئالتاي مەسچىتى» (Altay Camii) ئىسىملىك بىر مەسچىت بار بولۇپ، بۇ مەسچىت ئوسمانلى دەۋرىدە، يەنى 1669-1670-يىللىرى ئۆز ۋاقتىدىكى شەيخۇلئىسلام (ئىسلام دىنىدا ئەڭ يۇقىرى ئىلىمگە ۋە مەنسەپكە ئىگە كىشى) دەبباغزادە مەھمەت ئەپەندى دېگەن كىشى تەرىپىدىن سېلىنغان.

ئالتاي مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دەسلەپتە ئاساسەن ياغاچتىن سېلىنغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنغان. 1920-يىللارغا كەلگەندە تاشلىنىپ قېلىپ، خارابلىشىپ كەتكەن. 1984-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ھازىرقىدەك ياساپ چىقىلغان.

مەسچىتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 300 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەسچىت ئىچى 100 كىۋادرات مېتىرنى ئىگىلەيدۇ. ھەر سەپتە 50 كىشىدىن بولۇپ بەش سەپتە 250 كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىت سەيناسىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تاھارەت ئالىدىغان ئورۇن، كىچىك بىر مازارلىق ۋە ھاجەتخانا قاتارلىقلار ئورۇنلاشقان. مەسچىت سەيناسىنىڭ يەر ئاستىغا ماشىنا توختىتىش مەيدانى ياسالغان. مەسچىتنىڭ دۇكانلىرىدىن يىغىلغان ئىجارە ھەققىلىرى 1993-يىلىغىچە مەسچىتنىڭ ھەر خىل چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. 1993-يىلىدىن كېيىن ۋەقفىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن.

دەبباغزادە مەھمەت ئەپەندى يېدىكۇلە دەبباغلارى شەيخى مەھمۇد ئەپەندىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1619-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن جەرراھ شەيخ مەھمەت ئەپەندى، ئۇزۇن ھەسەن ئەپەندى، تارسۇسى ئەپەندىلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا 1647-يىلى قاراچەلەبىزادە مەھمۇد ئەپەندىنىڭ قولىدا ئوقۇشىنى تۈگەتكەن.

ئۇ 1656-يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن داڭلىق مەدرىسلەردە مۇدەررىسلىك قىلغان، كېيىن قازى بولغان ۋە 1667-يىلى شام (سۇرىيە)نىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەدىرنەنىڭ قازىلىقىغا يۆتكەلگەن. 1675-يىلى ئىستانبۇلغا قازى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1679-يىلى تۈركىيەنىڭ ئانادولۇ رايونىنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

دەبباغزادە مەھمەت ئەپەندى 1687-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ شەيخۇلئىسلاملىقىغا تەيىنلەنگەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن دۆلەتكە قارشى پىكىردىكىلەر ئۇنىڭدىن كۆپرۈلۈ فازىل مۇستافا پاشا دېگەن كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پەتىۋا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئارىدىن ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، 1688-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى قارشى پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن، شەيخۇلئىسلاملىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1688-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككىنچى قېتىم يەنە شەيخۇلئىسلام بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1690-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنە ئۆكتىچىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، شەيخۇلئىسلاملىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ھازىر ئۇنىڭ يازغان بىرقانچە ئەسەرلىرى، بەزى قوليازمىلىرى سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

دەبباغزادە مەھمەت ئەپەندى 1702-يىلى 83 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مېيىتى سۇلتان سەلىم جامەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆزى سالدۇرغان دەبباغزادە مەدرىسەسىنىڭ ھويلىسىغا دەپنە قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 302 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2022 10:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق