خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان توك بايلىقى يىلسېرى ئېشىپ ماڭماقتا

خىتاي 2021-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىن  بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان 122 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توكنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان توك بايلىقى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشقان بولۇپ، 2021-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندىن 122 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توك خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان. ئايلىق توشۇش مىقدارى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان 122 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توك خىتاينىڭ بېيجىڭ، خېنەن، ئەنخۇي قاتارلىق 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىگە توشۇلغان. بۇ 50 مىليون ئائىلىدىكى 150 مىليون نوپۇسنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توكقا باراۋەر ئىكەن.

خىتاي 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى توشۇش مىقدارىنى كۆپەيتكەن. 2010-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئۈچ مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توك خىتايغا توشۇلغان بولسا، بۇ سان 2021-يىلىغا كەلگەندە 40 ھەسسە كۆپىيىپ، 122 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. 11 يىل ئىچىدە خىتايغا توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارى جەمئىي 487 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇ خىتايدىكى بىر مىليارد 400 مىليون پۇقرانىڭ 162 كۈنلۈك تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقدارىدىكى توك ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى كۆمۈر بولۇپ، توك چىقىرىش ئۈچۈن كۆيدۈرۈلگەن كۆمۈرلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىماقتىكەن. ئۇندىن باشقا يېقىنقى يىللاردا خىتاي رېجىمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى توك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى توك ئېنېرگىيەسى مەركەزلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن.

ئالدىنقى بىر يىلدا خىتاي ئېغىر توك قىسلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم زاۋۇت-كارخانىلار توختاپ قالغان. پۇقرالارنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىمۇ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغان. شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان غايەت زور توك ئېنېرگىيەسى خىتاينىڭ بۇ كىرىزىستىن قۇتۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 343 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2022 11:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق