كىرېمىل سارىيى: قازاقىستاننىڭ تىنچلىق قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش قارارى ھەقلىق

كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى پېسكوف قازاقىستاننىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق قىسمىنى دۆلەتتىن چېكىندۈرۈش قارارى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېرىمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف موسكۋادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوفنىڭ رۇسىيە قىسملىرىنىڭ ئىككى كۈندىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا قازاقىستاندىن چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى. بۇ ئۇلارنىڭ قارارى بولغانىكەن، بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز يوق» دېگەن.

پېسكوف يەنە تۈنۈگۈن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ: «نۆۋەتتە بىزنى ئۈمىدۋار قىلغۇدەك بىرەر ئامىل كۆرمىدۇق» دېگەن.

پېسكوف بۇ سۆھبەتتە نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ بىر باسقۇچ سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت ئەمەس. بۇ كىشىنى رازى قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە نەتىجە مۇھىم، ئەمما نەتىجە ھەققىدە تېخى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

پېسكوف سۆزىدە يەنە كەلگۈسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 607 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2022 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق