تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى: كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا قازاقىستان خەلقىگە ياردەم بېرىشكە تەييارمىز

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 11-يانۋار قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن  بولۇپ، يىغىندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قېرىنداش دۆلەت قازاقىستان ۋە خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، رايون ۋە رايون سىرتىدا مۇقىملىق، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان قازاقىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان، خەلقنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە دۇچار قىلغان، مال-مۈلۈككە زىيان سالغان زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئاممىۋى تەرتىپنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا يەنە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلارغا، رادىكال كۈچلەرگە قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوفنىڭ قازاقىستان خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان ئىسلاھات كۈنتەرتىپىنى قوللايدىغانلىقى، قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە زىچ ھەمكارلىشىش ۋە كېڭىشىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قازاقىستان، ئەزەربەيجان، تۈركىيە، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق بەش ئەزاسى بولۇپ، تۈركمەنىستان بىلەن ۋېنگىرىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى 2010-يىلى 15-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا «تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى» ياكى «تۈرك كېڭىشى» نامىدا قۇرۇلغان. 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك كېڭىشىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا ۋېنگىرىيە كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. 2019-يىلى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئۆزبېكىستان كېڭەشنىڭ تولۇق ئەزاسى بولغان. كېيىنچە تۈركمەنىستانمۇ كۆزەتكۈچى ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان.

كېڭەشكە قاراشلىق تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسى، تۈرك سودا كېڭىشى، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈرك مەدەنىي مىراس ۋەقفى، تۈرك كېڭىشى سودا-سانائەتچىلەر  بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلار بار ئىكەن. كېڭەش يەنە ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2022 11:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق