خىتايدا ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنغان شەھەر ئۈچكە يەتتى

خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قايتىدىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەنياڭ شەھىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل تەدبىر قوللىنىلغان شەھەرلەر ئۈچكە يەتتى.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 84 بىمار بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئومىكرون نۇسخىسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ بار ئىكەن. نەتىجىدە بەش يېرىم مىليون ئاھالىسى بولغان بۇ شەھەر ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىشى، شەخسىي ماشىنىلارنىڭ يول يۈرۈشى چەكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر شىئەن ۋە يۈجوۋدىن كېيىن قامال قىلىنغان ئۈچىنچى خىتاي شەھىرى بولۇپ قالغان.

بۇندىن باشقا تيەنجىن شەھىرىدە تۈنۈگۈن 24 سائەت ئىچىدە يەنە 33 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ يەرلىك ئومىكرون ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. بىر نەچچە كۈندىن بېرى تيەنجىن شەھىرىدە 12 مىليون كىشى ۋىرۇسقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن.

خىتايدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئومىكرون نۇسخىسىنىڭ تارقىلىشى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان خىتايلارنىڭ چاغانلىق توشۇشى خىتاينىڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنداق باشقا خىتايدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 599 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2022 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق