ئىنتېل يېڭى ئوچۇق خېتىدە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئۆچۈرۈۋەتكەن

ئىنتېل شىركىتى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە يوللىغان يېڭى نۇسخىدىكى ئوچۇق خېتىدە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئەندىشىسىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىنتېل شىركىتىگە تولۇقلىما بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى ماگناتى ئىنتېل شىركىتى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تەمىنلىگۈچىلەرگە يازغان ئوچۇق خېتىدە تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئىشچىلارنى ئىشلەتمەسلىك، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋالماسلىق، شۇنداقلا ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تەمىنلەش زەنجىرىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، قەرز ئەمگىكى ياكى قۇل ئەمگىكىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ئوچۇق خەت خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي شوۋىنىستلىرى تور دۇنياسىدا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. بەزى خىتايلار ئىنتېل مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇندىن باشقا ئىنتېل يەنە خىتاي خېرىدارلىرى ۋە تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ كەچۈرۈم سوراش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. ئىنتېل بۇلتۇر 23-دېكابىر ئاشكارا ھالدا: «بىز ھۆرمەتلىك خىتاي خېرىدارلىرى، ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە ئاممىغا ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلار ئۈچۈن ئەپۇ سورايمىز» دەپ كەچۈرۈم سورىغان.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىنتېل ئورگان تورىدا تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئوچۇق خېتىدە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزلۇملارنى چىقىرىۋەتكەن. ئىنتېل شىركىتى يېقىندا خىتايدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، خىتايدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە خەلقئارادىكى تەمىنلىگۈچىلىرى بىلەن بەزى قانۇنىي تەلەپ ۋە سىياسەتلەر ئاساسىدا قانداق ئالاقە قىلىش توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنتېلنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جوش خاۋلى سەيشەنبە ئىنتېلنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا خەت ئەۋەتىپ، شىركەتتىن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ خېتىدە: «ئىنتېلنىڭ بېيجىڭغا ماسلىشىش خاھىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ھادىسىلەرنى ئوبيېكتىپ كۆزەتكەن كىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق پەرەز قىلالايدۇكى، ئەگەر شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىلا، مۇھىم سودا مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئىنتېل كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سالىدۇ» دېگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلى خېتىدە يەنە ئىنتېلغا يەتتە تۈرلۈك سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئىنتېلنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن قانداق ساقلانغانلىقى، خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە بېسىمىغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشنى قاچان قارار قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئاي ئاخىرىغىچە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خاۋلى يەنە ئىنتېلنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئەيىبلىمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئىنتېلدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ ئىنتېل ئوچۇق خېتىدە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىنلا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇ ئىنتېلنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا باش ئېگىشىنى «قورقۇنچاقلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئىنتېلنى «ئامېرىكا ئۆزەك قانۇنى»دىكى ھۆكۈمەت ياردەم مەبلىغىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 729 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2022 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق