تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى 12-يانۋار خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر يوللاپ، خىتايدىكى زىيارىتىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پۇرسىتى مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدۇق. ئۇيغۇر تۈركلىرى قاتارلىق كۈنتەرتىپىمىزدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى ۋە سەزگۈرلۈكلىرىمىزنى بىلدۈردۇق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئومان ۋە بەھرەين قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 10-يانۋاردىن 14-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتىدە بولۇپ، بۇلاردىن سىرت ئىراننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ 14-يانۋار خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2022 10:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق