خىتاينىڭ ھىمالايادىكى كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى قايتا جىددىيلەشتۈردى

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك خىتاينىڭ لاداخنىڭ شەرقىدىكى پانگوڭ كۆلىگە يېڭى كۆۋرۈك ياسىغانلىقى سەۋەبلىك قايتىدىن كەسكىنلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىستىخبارات ئانالىزچىسى دامېن سىمون يېقىندا تىۋىتتېردا بىر سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، سۈرەتتە پانگوڭ كۆلىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك قۇرۇلمىسى كۆرسىتىلگەن. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ 2020-يىلى كونترول قىلىۋالغان ھىندىستان رايونىدىن چېكىنىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىغان.

پىروفېسسور سىۋېين ھىندىستاندا خىتاينى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە مەجبۇرلايدىغان ئارمىيە كۈچى كەمچىل ئىكەنلىكىنى، چېگرا توقۇنۇشىدا خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ سىياسىي پىلانى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، چېكىنىشنىڭ ھىندىستان ئۈمىد قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پىلان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان خىتاينى يەنە ئولتۇراق رايون قۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ھىندىستان خىتاينىڭ لاداخ رايونىدا كۆۋرۈك ياسىغانلىقىنى، خىتاي بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئورنىنى 60 يىل ئەتراپىدا قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھىندىستاننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە قىلىنغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خىتاي-ھىندىستان چېگراسىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى پىراۋىن ساۋنىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ئارمىيەسى لاداخنىڭ چېگرا رايونىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش رايونى، مەشىق ئورنى ۋە مەشغۇلات بازىسى قۇرماقتا. كۆلنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتى خىتاينىڭ قولىدا، خىتاينىڭ كۆۋرۈك سېلىشتىكى مەقسىتى پۈتكۈل كۆلنى ئىگىلىۋېلىش» دېگەن.

ئۇندىن باشقا ھىندىستان سىزغان يېڭى خەرىتىدە لاداخنىڭ ھىندىستان زېمىنى دەپ كۆرسىتىلىشى خىتاينى نارازى قىلغان بولۇپ، بۇمۇ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ قايتا كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ چېگرادا 200 مىڭ ئەسكىرى بىلەن تۇتۇشۇۋاتقان بولۇپ، جىددىيچىلىك دائىم مەۋجۇت ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك سۈركىلىشلەرنىڭ يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي چېگرا رايونىدا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكياندا تاجاۋۇزچىلىقنى قانچە كۈچەيتكەنسېرى، ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىقنى قانچە ئازايتسا، ھىندىستان شۇنچە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 610 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2022 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق