قازاقىستاندىكى ئۈچ رايوندا جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلىدىن يولغا قويۇلغان جىددىي ھالەتنىڭ غەربىي قازاقىستان، پاۋلودار ۋە شىمالىي قازاقىستان رايونلىرىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرمانغا ئىمزا قويغان.

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ 13-يانۋار شۇ يەر ۋاقتى سائەت 07:00 دىن باشلاپ مەزكۇر ئۈچ رايوندا جىددىي ئەھۋالنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرمانغا ئىمزا قويغان.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2 – يانۋار كۈنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) نىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى باشلانغان نامايىشلارنىڭ دائىرىسى دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغىچە كېڭىيىپ كەتكەنىدى.

نامايىشلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن،  دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىشى ۋە قورال – ياراغ ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى. ۋەقەلەر داۋامىدا ھازىرغىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 8 مىڭغا يەتتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-يانۋاردىن باشلاپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 400 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل 346 ساقچى ماشىنىسى ۋەيران بولغان، كېلىپ چىققان زىيان 212 مىليون دوللارغا يەتكەن.

قازاقىستاندىكى ۋەقەلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 164 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئالمۇتىدىلا 103 ئادەم قازا قىلغان. قازاقىستان مىقياسىدا 2200 ئادەم يارىلانغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۈجمەل سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 40 دىن ئاشقانلىقى. بۇنىڭ ئىچىدە 16 كىشىنىڭ قوراللىق ساقچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2022 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق