خىتايدىكى كارانتىن لاگېرلىرىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەن خىتايدىن كەلگەن سۈرەتلەر خىتاينىڭ  ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى كارانتىن قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن لاگېرلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەر بىلەن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر لاگېرلاردىكى شارائىتقا قارشى ناھايىتى كۆپ نارازىلىق ئىنكاسلىرى يېزىلدى.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان دۇنيا نۆۋەتتە ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون نۇسخىسى بىلەن تىركەشمەكتە.

ئىلگىرىكى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقۇملۇق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئومىكرون  نۇسخسى دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئومىكرون ۋەھىمىسى سەۋەبلىك 13 مىليون ئادەم كارانتىن قىلىنغان بولۇپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قۇرۇلغان كارانتىن لاگېرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى.

خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردا يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىپ كۆزىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىئەن لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار بار ئىكەن.

بىر تەرەپتىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر 10 ئاپتوبۇسنىڭ بىر كېچىدە مىڭغا يېقىن ئادەمنى لاگېرغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا لاگېرلاردا تەمىنلەنگەن شارائىتقا بولغان ئىنكاسلار جىددىي كۆپەيمەكتە.

خىتاي ۋىرۇسىدا ئېغىر ئېشىش كۆرۈلگەن دۆلەتتە 13 مىليون نوپۇسى بار شىئەن شەھىرى ۋە 1 مىليون 100 مىڭ نوپۇسى بار يۈجوۋ ۋىلايىتى ئۆتكەن ئايدا قامال قىلىنغان ۋە ھەرخىل چەكلىمىلەر كۈچەيتىلگەنىدى.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئۈچىنچى شەھەرنىڭ تاقىلىش قارارىغا ئەگىشىپ، خىتايدا كارانتىن قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى 20 مىليونغا يەتتى.

خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا كۆرە، خىتايدا يۇقۇم ئەھۋالى باشلانغاندىن بۇيان، 101 مىڭ 890 ئادەم بايقالغانلىقى، 4 مىڭ 636 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2022 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق