ئولىمپىك كومىتېتى يەنە بىر بېسىمغا دۇچ كەلدى

ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاستىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىدىن فورما تىكىدىغان ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئولىمپىك فورمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا: «شەرقىي تۈركىستاندىن ئېكسپورت قىلىنغان پاختا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان. ئۇ يەردە يۈز بەرگەن سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ نامايەندىسى» دېيىلگەن. ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە مەمۇرىي ئىدارىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى جېف مېركلېي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋرېن ئىمزالىغان بۇ مەكتۇپتا: «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئېھتىماللىق شۇكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە باشقا 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شەخسىلەر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان كىيىملەرنى كىيىدۇ» دېيىلگەن.

پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاش نۇقتىسى قىلىپ «ئولىمپىك نىزامنامىسى» نىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتنى قوغداش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئولىمپىك فورمىسىنى ئىشلەپچىقارغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەكتۇپتا يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن خېڭيۈەنشياڭ گۇرۇھى تەمىنلىگەن مەھسۇلاتنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىمزالىغانىدى. پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسىدا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قانۇن لايىھەسىدە: «ئەگەر شىركەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەمىنات زەنجىرىنىڭ خىتاي تەسىس قىلغان لاگېرلاردا ئىشلەپچىرىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇللۇق ئەمگىكى ۋاستىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان دەپ قارىلىپ، ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2022 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق