ئىستانبۇلدا كۆچمەنلىككە ئالاقىدار كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېچىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆچمەنلىك كېڭەش يىغىنى بۈگۈن ئىستانبۇل ۋالىيلىقىدا ئېچىلدى.

يىغىنغا مىنىستر سۇلايمان سويلۇدىن باشقا يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى، ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى قاتناشتى.

يىغىندا ئاساسلىق كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك خىلمۇخىل تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن مەلۇماتلرىمىزغا كۆرە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى يىغىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇميۈزلۈك پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنىش، بىخەتەرلىك كودى، گىراژدانلىقى رەت قىلىنغانلار، گىراژدانلىققا قوبۇل قىلىنىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1531 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2022 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق