ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى قانۇنسىز

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە تارىخىي ھوقۇققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ۋە خەلقئارا مۇھىت ئىلمىي ئىشلار ئىدارىسى 12-يانۋار كۈنى «دېڭىز-ئوكيان چېگراسى 150-سان: خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلات 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان 143-سانلىق دوكلاتقا ئاساسەن يېڭىلانغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تارىخىي ھوقۇقنى ئاساس قىلغان دەۋاسىنىڭ كۆپىنچىسىدە قانۇنىي ئاساس يوقلىقىنى،  ھەمدە خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكياندا ھوقۇقىمىز بار دەپ دەۋا قىلغان 100 دىن ئارتۇق ئارال ۋە خادا تاشنى تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق خادا تاشلارنىڭ يۇقىرى دولقۇندا چۆكۈپ كېتىدىغانلىقى، شۇڭا خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، خىتاينىڭ بۇ ئاراللار ۋە خادا تاشلارنى چۆرىدىگەن 12 دېڭىز مىلى دائىرىسىدىكى دېڭىز ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى يوقلىقى بايان قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2016-يىلى 7-ئايدا خەلقئارا كېسىم سوتى خىتاينىڭ كەڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقارغان بولسىمۇ بىراق خىتاي بۇ كېسىمنى قوبۇل قىلمىغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» نى ئاساس قىلغان ئالاقىدار خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە خەلقئارا كېسىم سوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن خەلقئارا قانۇندىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر بويىچە دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا، خەلقئارا كېسىم سوتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىل ئىلگىرى جەنۇبىي خىتايدىكى دېڭىز-ئوكيان دەۋاسىغا قارشى ئېلان قىلغان سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئېنىق قىلىپ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز-ئوكيان بايلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشى پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق دەپ قارايدۇ» دېگەن ھەمدە خىتاينىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 441 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2022 12:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق