ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت باشلىدى

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيە قوماندانلىرى 12-يانۋار كۈنى لاداختىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسىدە سۆھبەت باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان-خىتاي ئىككى تەرەپ 2020-يىلى مايدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن، قىزىق بۇلاقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. توقۇنۇشتىن بۇيان ئىككى دۆلەت تەخمىنەن 3400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرانى بويلاپ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوندا تۈمەنلىگەن ئەسكەر، زەمبىرەك ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى ئەمەلدارلىرى سۆھبەتنىڭ چارشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى تەرەپ ئۆتكەن يىلى ھىمالايا رايونى ئىستراتېگىيەلىك پانگۇڭ كۆلىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن، ئەمما كېيىن ئۆكتەبىردە باشقا رايونلار ھەققىدىكى ئىختىلاپنى مۇزاكىرە قىلىش سۆھبىتى توختاپ قالغان. ھىندىستان خىتاي ئەسكەرلىرىنى بىر قانچە رايوندا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى رايونغا تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. ھىندىستان گەرچە خىتاينىڭ ھەربىي توقۇنۇشتىن ئىلگىرىكى ئورۇنغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنى رەت قىلىپ چېگرادىكى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن ئىلگىرى چېگرادىكى ۋەزىيەتنىڭ «مۇقىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەمما ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ناراۋانې 12-يانۋار كۈنىدىكى يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جىددىيچىلىكنىڭ پەسكويغا چۈشۈشى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ چېكىنىشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە: «مەن كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ئەسكەرلەر قىسمەن چېكىنگەن بولسىمۇ تەھدىت يەنىلا ئازايمىدى» دېگەن.

سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن: «مەن ھىندىستان تەرەپنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ، چېگرا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تېزدىن نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنىدى. ۋاڭ ۋېنبىن يەنە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمەن مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سۆھبەتتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھىندىستان-خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ چېگرا ماجىرالىرىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاقساراي ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپى دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ھىندىستان چېگراسىدىكى «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىز خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەرىكىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىمىزنى ئوچۇق بايان قىلدۇق. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى مۇقىملىقنى بۇزۇشى مۇمكىن دەپ قارايمىز، بىز خىتاينىڭ قوشنىلىرىغا قاراتقان قورقۇتۇش ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ كەمچىل بولۇپ. گەرچە ئىككى تەرەپ بەزى رايونلاردىكى ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان تەقدىردىمۇ، چېگرا رايونى داۋاملىق جىددىي ھالەتتە بولىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 655 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2022 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق