خىتاي 2022-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئەڭ ناچار سەپتىن ئورۇن ئالدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «2022-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا: «خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، ھەمدە تۇتقۇن قىلىش دىپلوماتىيەسى، چىلبۆرە دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

گىرمانىيە ئاۋازىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «2022-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» سەرلەۋھەلىك دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشەببۇسىغا يات بولغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قاتتىق باستۇرغانلىقى، ناھەقچىلىقنى تۈگىتىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى بەرپا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن شى جىنپىڭنىڭ، ئاساسىي قاتلامدا ئىجرا قىلىۋاتقان نامراتلىقنى تۈگىتىش سىياسىتىدىن گۇمانلىنىدىغان سۆزلەرنى قىلغۇچىلارنىمۇ قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ھەمدە ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قاتتىق چەكلىگەن. ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، تىبەتتە كىشىلەرنىڭ قاماقتا ئۆلۈپ كېتىش، دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئاسمىلاتسىيە قىلىشىغا ئۇچراش، ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلامدا نازارەت ۋە تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى كۈچەيگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېننىت روتنىڭ كۆرسىتىشىچە، گىرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلەشنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەئىس بولغاندىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىغا پەرۋا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا ياردەم بەرگەن. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مىسىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ناچار قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2022 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق