رۇسىيە ئەسكەرلىرى قازاقىستاندىن چېكىنىشكە باشلىدى

قازاقىستاندىكى نامايىشتىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېكىنىشكە باشلىدى.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، CSTO نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قورال-ياراغ ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىرگە قازاقىستاندىن ئايرىلىپ ئەسلى تۇرۇشلۇق بازىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. باياناتتا «ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى گۇرۇپپىلارنىڭ ئالمۇتا ئايرودۇرۇمىدىن رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى يۈك ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرۇپ ئەسلى ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئالمۇتا ئايرۇدرۇمىدا مەخسۇس ئۇزىتىش پائالىيىتى ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەمما باياناتتا قازاقىستاندىن قانچە ئەسكەر ۋە بىرونېۋىكىنىڭ ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان سۈرەتلەردە، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئالمۇتا ئايرودۇرۇمىدا گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ، برونېۋىك، ماشىنا ۋە ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ «IL-76» تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانىغا بېسىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2-يانۋار سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) نىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى باشلانغان نامايىشلارنىڭ دائىرىسى دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغىچە كېڭىيىپ كەتكەنىدى.

پىرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايوف نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، ئەرمېنىيە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئەزا بولغان CSTO كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى. بۇ تەشكىلات دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 2000 دىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش خادىمى ئەۋەتكەن بولۇپ، ۋەقەدە 164 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلىگەن ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغان. نامايىش سەۋەبىدىن قوزغالغان ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىڭغا يەتكەن. نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 300 دىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئورنى ئېچىلغان. قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى دۆلەتتە مۇقىملىقنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ۋە تىنچلىقنى قوغداش مەقسىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2022 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق