خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى مەسىلىسىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 14-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا CGTN مۇخبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەتلىرىنى قىسقا جاۋابلار بىلەن ئىنكار قىلىپ كەلگەن ۋاڭ ۋېنبىن بۇ قېتىم تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولۇپ، دوكتور ئادرىيان زېنز، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ۋە سايراگۈل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق جازا لاگېرى شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندىن سىرت، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، تۆھمەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ئۇ جاۋابىدا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان دوكتور ئادرىيان زېنزغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ تەتقىقات نامىدا يالغان مەلۇمات تارقاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان ۋە: «ئادرىيان زېنز 900 مىڭدىن بىر مىليون 800 مىڭغىچە بولغان كىشىنىڭ شىنجاڭدا سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ تايانغان مەنبەسى بولسا تۈركىيەدىكى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى دېگەن تاراتقۇ ئورگىنىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپاتى بولمىغان بىر خەۋىرى. بۇ تاراتقۇ ئورگىنىنىڭ رادىكال كۈچلەر بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇقادىر ياپچان ئۇلارنىڭ دائىملىق مېھمىنى» دەپ بىلجىرلىغان.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ۋە قامالغانلارنىڭ سانى قانداقتۇر بىرەر ئاخبارات ئورگىنى ئويدۇرۇپ چىققان مەلۇماتلار بولماستىن، خەلقئارالىق تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، جازا لاگېرى شاھىتلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوچۇق مەنبەلىرى ۋە ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاساسىدا ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي رېجىمى 2020-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشى كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا ھەريىلى بىر مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ «تەربىيەلىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى» دەۋا قىلىنغان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنىڭغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا سەككىز مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ دائىملىق مېھمانلىرى خىتاي رېجىمى دەۋا قىلغاندەك رادىكال كۈچلەر بولماستىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىشغالىيىتىنى، ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئۆلىما-زىيالىيلار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە شاھىتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن خىتاي ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان بۇندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ تۆھمەت بىلەن تۈركىيە سوتىغا ئەرز قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇلتۇر 3-ئايدا تۈركىيە سوتى خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى. ئەمما خىتاي ھازىرغىچە قارا نىيىتىدىن ۋاز كەچمەي، يۇقىرىقىغا ئوخشاش سەھنىلەردە ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق مۇستەقىللىق دەۋاسى يېتەكچىلىرىگە، شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خىتاينىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى ئەمەس بولۇپ، 2020-يىلى 6-ئايدا خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورگان تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان تەپسىلىي ماقالىسىدىمۇ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە «بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىدۇ، دائىم رادىكال شەخسلەرنى ئېكرانغا چىقىرىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغانىدى.

بۇلاردىن سىرت، خىتاي رېجىمى خاككېر گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھەرقايسى تىللاردىكى تور بېكەتلىرىگە، مۇلازىمىتېرلىرىغا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 982 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2022 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق