رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا 2021-يىلى يۇقىرى پەللىگە چىقتى

خىتاي تاموژنا ئىدارىسى 2021-يىلى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %35.8 ئېشىپ، 146 مىليارد 880 مىليون دوللارغا يېتىپ، رېكورت ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىپاتنىك تورىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2021-يىلى خىتاينىڭ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىشى ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %37.5 ئېشىپ، 79 مىليارد 320 مىليون دوللارغا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى %33.8 ئېشىپ، 67 مىليارد 567 مىليون دوللارلىق سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ 2021-يىلى 12-ئايدا شۇ يىلى 11-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %11.5 ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى ئالدىنقى رېكورت 2019-يىلى 110 مىليارد 750 مىليون دوللار بولغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۆتكەن يىلى %28.7 ئېشىپ، 755 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئاشقان. خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن قىلغان ئىمپورتى %2.7 ئېشىپ، 179 مىليارد 530 مىليون دوللارغا يەتكەن، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورتى %27.5 ئېشىپ، 576 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 2021-يىلى خىتاينىڭ تاشقى سودىسى 6 تىرىليون 510 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خىتايغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەرخىل ئىمبارگو ۋە جازالارنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، بايدېن ئىمزا قويغان ۋە رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى ئاساسىدا، خىتاينىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 630 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2022 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق