دانىيە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ئېنىق مەيدانىنى ئېلان قىلدى

دانىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھېچقانداق رەسمىي ۋەكىل ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېپې كوفود دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە رەسمىي ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: «ھۆكۈمەت بىزنىڭ خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىمىزنى قارار قىلدى، دانىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىز سىر ئەمەس» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇ يىل 4-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتتىن سىرت، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شوتلاندىيە، لىتۋانىيە ۋە كوسوۋو قاتارلىق دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى رەسمىي دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى زېللاندىيە، ئاۋسترىيە، ياپونىيە ۋە گېرمانىيە بولسا بارلىق ياكى قىسمەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، «دىپلوماتىك بايقۇت» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتمىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2022 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق