ھىندونېزىيەدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھىندونوزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا توپلانغان خەلق 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بۇ يەردە ئولىمپىكنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ شۇئار توۋلىدى.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار يەنە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئولىمپىككە «قاتناشماسلىق» قا چاقىردى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

ھازىرغا قەدەر، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، لىتۋانىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە كانادا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە كانادانىڭ پارلامېنتلىرى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى سادالار كۈنسىرى كۈچەيمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 874 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2022 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق