قازاقىستان ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قولى

قازاقىستان ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قولى

مەتە خان قەشقەرىي

 

قازاقىستاندا چىققان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاساسلىق نىشانى يېڭىدىن قۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»

قازاقىستان جۇغراپىيەلىك ئورنى كەڭ، يەر ئاستى بايلىقى ۋە مۇنبەت تۇپراقلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ قېتىم قازاقىستان خەلقىنىڭ ھەققانىي تەلىپى ئېغىر دەرىجىدە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىدى، ئاممىۋى تەرتىپ بۇزۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ ماقالىدە قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا قايسى دۆلەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىن قوماندانلىق قىلغانلىقىنى ئانالىز قىلىمىز. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك، بۇ ۋەقەلەر پۈتۈنلەي مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۈز بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ قازاقىستانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى

ئامېرىكا خىتاينى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قورشاۋغا ئالغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە باشچىلىقىدىكى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئامېرىكانىڭ خىتاينى غەربتىن (ئوتتۇرا ئاسىيادىن) قورشاۋغا ئېلىش پىلانى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ تارىخىي يىپەك يولىدا بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان ھاكىممۇتلەقلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، شۇنداقلا تۈرك دۆلەتلىرىنى رۇسىيەنىڭ تەسىرىدىن ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكە پىلانىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە چوڭ بىر لايىھە.

ئامېرىكا قازاقىستاندا قالايمىقانچىلىق چىقىشىنى خالىمايدۇ. بۇنداق قالايمىقانچىلىق ئامېرىكىنى نوپۇزغا ئىگە قىلمايدۇ ياكى قازاقىستانغا تاجاۋۇز قىلىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. ئەكسىچە رۇسىيەگە شۇنداق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن ۋە ھازىرقىدەك بارلىق گۇمانلارنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈۋالغان بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي داۋالغۇش قازاقىستاننى خىتايغا تېخىمۇ بېقىندى قىلىپ قويىدۇ ۋە خىتايغا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىنى توسۇش ئۈچۈن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا بۇ نۇقتىدىن خىتايغا قارشى كۈچلۈك بىر قازاقىستاننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالايدۇ.

خوش، رۇسىيەچۇ؟

رۇسىيە ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىققىتىنى ئۇكرائىنا ۋە بالقان رايونىغا قاراتقانلىقى ئۈچۈن، ئارقا باغچىسى دەپ قارايدىغان قازاقىستاندا قالايمىقانچىلىق چىقىشىنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ دىققىتى سۇرىيە ۋە لىۋىيەگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، دىققىتىنى چېچىپ، يەنە قازاقىستاندا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە قىرىمنى قانۇنسىز ئىشغال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ قاتتىق ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندا قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. بىز بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتساق، ھەم ئامېرىكا، ھەم رۇسىيەنىڭ خىتايغا قارشى تۇرالىشى ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئېھتىياجلىرى بار.

خىتاينىڭ نوپۇس كېڭەيمىچىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەسى

خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسى كۆرسىتىلىۋاتقىنىدىن تولىمۇ چەكلىك. خىتاي ئاساسەن چەت ئەل ئېنېرگىيەسىگە تايىنىدۇ، تەبىئىي بايلىقلىرىمۇ چەكلىك. دېھقانچىلىق قىلىدىغان يەرلىرىمۇ يېتەرسىز بولغاچقا، ئاشلىق زاپىسىمۇ چەكلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدىن-يىلغا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى خىتاينىڭ يېتەرلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر دەرىجىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.

خىتاي 2021-يىلى دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىقنىڭ يېرىمىنى سېتىۋېلىپ زاپاسلىغان. خىتاي ئەگەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ زاپاسلاش ھەرىكىتىنى 2022-يىلىمۇ داۋاملاشتۇرسا، دۇنيادىكى كۆممىقوناقنىڭ %69 ىنى، گۈرۈچنىڭ %60 ىنى ۋە بۇغداينىڭ %51 ىنى يىغىۋالىدۇ. ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر خىتايدا 600 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقتا ياشىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى سۆزلەشكە باشلىدى. خىتاي ھازىر بولۇپمۇ تۈركىستان جۇغراپىيەسى (ئوتتۇرا ئاسىيا)دىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىغا كۆز تىكتى.

خىتاينىڭ نوپۇس كېڭەيمىچىلىكىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، تىنچ ئوكياندىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە خىتاي نوپۇسى خېلىلا كۆپەيدى. خىتايلارنىڭ سانى سىنگاپوردا %74، مالايشىيادا %24.6، ھىندونېزىيەدە %17.9، تايلاندتا %15 كە يەتتى (بۇ مىساللارنى يەنىمۇ كۆپەيتكىلى بولىدۇ). ھازىر خىتايلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.[1]

خىتاينىڭ ئافرىقىنى ئىقتىسادىي مۇستەملىكە رايونىغا ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقى ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىك-مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق پاكىتىدۇر. خىتاي ھازىر جەنۇبىي ئافرىقىغا 400 مىڭدىن 500 مىڭغىچە، ماداغاسقارغا 100 مىڭدىن 150 مىڭغىچە، ئېفىيوپىيەگە 60-70-مىڭغىچە، كونگوغا 25-30 مىڭغىچە خىتاي نوپۇسى يەرلەشتۈرۈپ بولدى. خىتاي «قەرز بېرىش دىپلوماتىيەسى» سىستېمىسى ئارقىلىق دۆلەتلەرنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلماقتا ۋە قەرز قايتۇرۇش بەدىلىگە دۆلەتلەرنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە دېڭىز پورتلىرىنى تارتىۋالماقتا.

رۇسىيەنىڭ ئەسلى رەقىبى ئامېرىكا ئەمەس، خىتاي

گەرچە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئامېرىكا بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتى بىردەك ئەمەس. خىتاي ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەنى رۇسىيەدىن ئەرزان باھادا سېتىۋالماقتا. بۇ ئىمتىيازى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە تايىنىپ قېلىش ئەھۋالىنى تۆۋەنلەتمەكتە. ئەمما خىتاي ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە زېمىنىغا كۆز تىكمەكتە. ھەتتا سىبىرىيەدىكى خېلى كۆپ شەھەرلەردە خىتاي ئىشچىلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىشكە باشلىدى. رەسمىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر رۇسىيەدە 400 مىڭ خىتاي ياشايدىغان بولۇپ، سىبىرىيەدە ئولتۇراقلاشقان خىتاي نوپۇسى ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. قازاقىستاندا بولسا ئولتۇراقلاشقان خىتاي نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىڭغا يېتىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە باشقا نۇرغۇن جايلارغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى يوقاتتى، بۇ بوشلۇقنى خىتاي تولدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشىنى خالىمايدۇ. بۇ ئەھۋال باشقا رايونلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. رۇسىيە، ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش خەۋپىگە قارشى ئوتتۇرا شەرقتە نەچچە مىليارد دوللار خەجلەشكە مەجبۇر بولماقتا. خىتاي بولسا ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان، ھېچقانداق خەتىرى يوق، «شەپىسىز» ھالدا تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاينىڭ بۇ «شەپىسىز» ئىلگىرىلىشى ئۇزۇن مۇددەتتە رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرۈش سەۋىيەسىگە يەتتى.

رۇسىيە گەرچە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈپ، شەرققە يۈزلەنگەن بولسىمۇ ۋە خىتايمۇ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇپۇقتا كۆرۈنۈۋاتقان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىمپېرىيالىستى بولۇش تەھدىتىگە ئۆزى يالغۇز قارشى تۇرالمايۋاتىدۇ ھەمدە ئاستا-ئاستا خىتاينىڭ خام ئەشيا مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ ئىمپېرىيالىستلىقىدىن ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.

خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ ئاجىز ھالقىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ناھايىتى كۈچلۈك يىلتىز تارتىشقا ئۇرۇنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەر يىلى يەر ئاستى بايلىقىنى قېزىش ۋە بوش قالغان زېمىننى ئىشلىتىش باھانىسى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ نوپۇسىنى يۆتكەپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە كۆچۈشىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرماقتا ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپلەپ رۇسىيە زېمىنىغا كۆچۈپ كېلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى رۇسلار بىلەن توي قىلغان پۇقرالىرىغا بەلگىلىك مىقداردا ئىقتىسادىي ياردەم قىلماقتا، ئەگەر بۇ نىكاھتىن بالا تۇغۇلسا، ياردەم پۇلىنى كۆپەيتمەكتە.

خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ نوپۇس كېڭەيمىچىلىكىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى ئىستراتېگىيەسىنىمۇ يوشۇرمايدىغان بولۇپ قالدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ دۇنيادىكى ئەڭ ئەمگەكچان كىشىلەرنىڭ خىتايدا ياشايدىغانلىقىنى، رۇسىيەدە بولسا نۇرغۇن قۇرۇق يەرلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. لى يۈەنچاۋ يەنە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ ئىككى نۇقتىنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىنمۇ ئىككىلەنمىدى. موسكۋا بولسا بۇ تەھدىتنى بىلگەچكە، بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا. ئەمما قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسى بولامدۇ-بولمامدۇ، ھازىرچە نامەلۇم.

ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملاشسا، رۇسىيەدە خىتاي نوپۇسى رۇسىيە نوپۇسى بىلەن ئوخشاش نىسبەتكە يېتىدۇ ھەمدە تەبىئىي ھالدا رۇسىيەنىڭ سىياسىتى ۋە ھاكىمىيىتىدە گېپى ئۆتىدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ رۇسىيەدىكى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى پىلاندىكىدەك بولسا، خىتاينىڭ رۇسىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايونغا بېسىم ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ھازىر رۇسىيە خەلقى ئارىسىدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك خەۋپى ئەڭ ھالقىلىق مۇنازىرە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەمەس، «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى» ۋە «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى» قاتارلىق خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان باشقا تەشكىلاتلارغا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئەگەر رۇسىيە خىتايغا قارشى مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرماقچى بولسا، بۇ لىنىيەنى پەقەت تۈركلەر بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. رۇسىيە بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»نىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ كۆزنەكتىن قارىساق، رۇسىيە قازاقىستاندا قالايمىقانچىلىق چىقىشىنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. چۈنكى ئەگەر رۇسىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقسا، بۇ توقۇنۇشنىڭ غالىبى خىتاي بولۇپ قالىدۇ.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن ئەڭ بىئارام بولغان دۆلەت قايسى؟

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياۋى رىقابەت ۋە توقۇنۇش مۇھىتى دۇنيانى ئىككى قۇتۇپقا ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە كىرىزىسىنى ياۋروپاغا ھاۋالە قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ ئىككى قۇتۇپتىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇرلاشقا باشلىدى. مانا شۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى» ئۈچۈن باشقا بىر تاللاش يولىنى (يەنى ئۈچىنچى قۇتۇپنى) بارلىققا كەلتۈردى. چۈنكى تۈرك دۆلەتلىرى ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرققە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر تاللاش يولىغا ياكى كۆپ قۇتۇپلۇق بىر دۇنياغا ئېھتىياجلىق ئىدى.

ئەگەر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رايوندا مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، شۈبھىسىزكى، بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئاشىدۇ. شۇنداقلا غەرب ۋە رۇسىيەنىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈستىدە ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىنى بۇزالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ يىپەك يولى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىش پىلانىنى توختىتالايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق ئىگىسىز قالغان بارلىق خەلقلەرگە ئىگە چىقىش بىلەن بىرگە، باشقا تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىمۇ خىتاينىڭ تۆلەش قىيىن بولغان قەرز پاتقىقىدىن، باشقىچە ئېيتقاندا ۋاسىتىلىك قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

شۇڭا خىتاي «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»دىن ئەڭ خەۋپسىرىگەن دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»(TDT)نى «ھەم خىتايغا، ھەم رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە يېزىلغان تەھلىلدە ئوچۇق قىلىپ: «تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتىنىڭ ئەزالار سانىنى ئاشۇرۇشى پانتۈركىزم ئىدىيەسىنىڭ جانلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈرك ئۇقۇمى تارىخىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىرقىغا تەۋە. تۈركىيە تۈرك ئۇقۇمىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئىستانبۇلدا قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان بۇ تەشكىلات (تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى) رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى ۋە ئاشقۇن مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش ئارقىلىق، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. خىتاي تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئېلىپ كەلگەن پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدېئولوگىيەسىگە قارشى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى كېرەك. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلات ۋە ئېقىملارنىڭ كۆپىيىشى خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بىر قىسىم مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى، بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى ۋە ئاشقۇنلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ»[2] دېيىلدى.

ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىتايغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ يازدى ۋە «دۇنيا جۇغراپىيەۋى سىياسىتىنىڭ يۈرىكىدە يېڭى كۈچ يۈكسىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

بېيجىڭدىكى خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ (CICIR) باشلىقى يۈەن پېڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەققىدە ماقالە يېزىپ: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدا ئۈچ ئەزاسى بار» دەپ تەكىتلىگەن ۋە «دۇنيا گىيوپولىتىكىسىنىڭ مەركىزىدە يېڭى بىر كۈچ كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بىر تەشكىلاتتىن ھالقىپ باشقا بىر ئىش قىلىش مەقسىتىنىڭ بارلىقى ئېنىق» دېيىش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلىش ئېھتىمالىنى ئىما قىلغان. ئۇ يەنە، «بۇ دۇنيا جۇغراپىيەلىك سىياسىتىنىڭ يۈرىكىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلارغا قوشۇلغان، يۈكسىلىۋاتقان يېڭى بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.[3]

خىتاي ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتايغا ئىقتىسادىي ئۇرۇش جاكارلىغاندا ساراسىمىگە چۈشۈپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر خەلقىنى تامامەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان قىلىۋېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيا خەلقى «بۇنىڭدىن كېيىن مۇتلەق بۇنداق ئىش بولمايدۇ» دېگەن ناتسىستلار لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتىنمۇ يانمىغانغا ئوخشاش، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىنمۇ يەنە شۇنداق ساراسىمىگە چۈشكەن. شۇڭا خىتاي بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرقى كوزىرىنى ئىشلىتىشتىنمۇ يانمىغاندەك تۇرىدۇ. خىتاينىڭ بۇ كوزىرى قازاقىستاندا بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى، خىتايدا ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، خىتاي شېرىكلىكىدىكى شىركەتلەردە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولسىمۇ، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى كېرىم مەسىموفتىن باشقىسى ئەمەس ئىدى.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن نومۇس قىلىدىغان، ئەمما باش مىنىستىرلىق مەزگىلىدە نومۇس قىلماستىن كۆپ قېتىم خىتايچە تەخەللۇس ئىشلەتكەن كېرىم مەسىموف باش مىنىستىرلىق دەۋرىدە خىتاي بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەمدە قازاقىستان زېمىنىغا خىتايلارنىڭ كۆپلەپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن غەيرىي رەسمىي پۇل مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىمۇ تالاش-تارتىش قىلىندى. ئۇ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلدى ۋە قوغداش رولىنى ئوينىدى. خىتاي شېئىرلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىشى بىلەن مەشھۇر بولغان كېرىم مەسىموف خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشلا ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم پۇل-مۇئامىلە گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈنمۇ لوبىچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

كېرىم مەسىموف ئۈچ قېتىم ھۆكۈمەت باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ بۇ جەرياندا قازاقىستاندا ياشايدىغان ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرغىمۇ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا پەرياد چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ زەررىچە پايدىسى بولغىنى يوق.

خىتاي تاراتقۇلىرى نەزەربايوفنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن، كېرىم مەسىموفنىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتلىقىغا كۆڭۈلدىكىدەك نامزات ئىكەنلىكىنى يېزىشتى. ھازىر فىرانسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان، قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى دەپمۇ تونۇلغان، قازاقىستاندا بىر مەزگىل ئېنېرگىيە مىنىستىرى ۋە BTA بانكىسىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان مۇختار ئابلىيازوفمۇ كېرىم مەسىموفنىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتلىقىغا ئەڭ ھەقلىق نامزات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان تاراتقۇلىرىمۇ (باش مىنىستىر) كېرىم مەسىموفنىڭ نەزەربايوف تەرىپىدىن ئىزباسار دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئىزچىل مۇلاھىزە قىلىشقانىدى.

ئۇ ۋاقىتلاردا ھەرقانداق جەمئىيەتتە بىلىملىك كىشىگە ئورۇن بار، مەسىموفنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى پىرېزىدېنت بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك، دېگەندەك مۇنازىرىلەر دائىم ئۇچراپ تۇراتتى. ئەمما ئىشلار خىتاي ئويلىغاندەك بولمىدى. خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كېرىم مەسىموفنىڭ ئورنىغا قاسىم جومارت توقايوف پىرېزدېنتلىققا سايلاندى. شۇنداق قىلىپ خىتاينىڭ مەخپىي پىلانى ۋە تاتلىق خىيالى سۇغا چىلاشتى.

ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ، سەبىر قاچىسىنى توشقۇزدى. سابىق باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «خىتاي تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تەبىئىي ئەزاسىدۇر» دېگەن، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان سۆزىمۇ خىتاينى تىنچلاندۇرۇشقا يەتمىدى. خىتاي ئۆز قولىدا يېتىشتۈرۈلگەن، خىتاي مەستانىسى بولۇپ تونۇلغان كېرىم مەسىموفنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم دۆلىتى بولغان قازاقىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا تەيىنلەش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتنى تولۇق كونترول قىلالمىسىمۇ، ھېچبولمىسا تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلىدى. خىتاي شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇشتىن پايدىلانماقچى بولدى.

خىتاي قازاقىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىئاراملىقى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىققا قارشى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان، شۇنداقلا پارتلاشقا تەييار بومبىدەكلا ھالغا كېلىپ قالغان غەزەپنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇرۇندىلا قازاقىستاندا پارىخورلۇقنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان بىيۇروكراتىك كۈچىنى ۋە مېدىيا كۈچىنى سىناپ باقماقچى بولدى.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋەھىمە قوزغاش ساختىپەزلىكى

خىتاي قازاقىستاندىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق كېرىم مەسىموفنى پىرېزىدېنتلىققا چىقارماقچى بولدى. قازاقىستاندا بارلىققا كېلىدىغان مالىمانچىلىقنىڭ تەسىرى گەرچە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىگە ۋاقىتلىق توسالغۇ ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، كېيىنكى چاغدا غەربنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن يۈز بېرىدىغان قالايمىقانچىلىقتىن ئىلگىرى ئۆز كونتروللۇقىدا چىققان قالايمىقانچىلىق خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولغان بولاتتى. خىتاي خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ يۈرىۋېرەتتى. بارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ۋە رۇسىيەدىن گۇمان قىلىشقا باشلايتتى. ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ قەرزىگە بوغۇلۇپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ مالىمانچىلىقنىڭ نەتىجىسىدە خىتايغا تېخىمۇ بېقىندى ھالغا كېلىپ قىلاتتى. چۈنكى خىتاي ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا پىلانلىق قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنى سىناپ باققان ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى. تالىبان ۋە ئەلقائىدە بىلەن مەخپىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېررورلۇقتىن قورقىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. بۇ ئويۇنى ئارقىلىق سودا ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولغان «شاڭخەي بەش تەرەپ ھەمكارلىقى تەشكىلاتى»نى «شاڭخەي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى تەشكىلاتى»غا ئايلاندۇرالىغان، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلالىغانىدى.

لىۋىيەلىك 32 ياشلىق بېن خېنى 2001-يىلى ئۆكتەبىردە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى جاسۇسى، دەپ مىيۇنخېندا قولغا ئېلىنغانىدى. ئۇ سوراقتا ئۈچ يىل بۇرۇن (1998-يىلى) ئامېرىكىنىڭ بازا تەشكىلاتىغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شۇ چاغدا پارتلىمىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەلقائىدەدىن سېتىۋالغانلىقىنى، كېيىن خىتاي بەرگەن مىليونلىغان دوللارنىڭ چېچەنىستاندىكى مۇجاھىدلار رەھبىرى ئۆمەر زاگھانغا يوللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەتتا ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئاۋازلىق لېنتىسى قاتارلىقلارمۇ مۇھاپىزەتچى (The Guardian) گېزىتىدە ئاشكارىلانغانىدى.[4] ئەمما ھېچكىم خىتايدىن «ئۇ پۇل نېمىشقا چېچەنىستانغا يۆتكەلدى؟ سەن نېمىشقا ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشتىڭ؟»دەپ سورىمىدى. ھېچكىم خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېلىش تېررورلۇق قورقۇنچى پەيدا قىلىش ئارقىلىق نېمىلەرگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدى.

خىتاي مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قازاقىستاننى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ۋاقىتلىق قالايمىقانچىلىققا سۆرەپ كىرمەكچى بولدى. بۇ ئويۇننى ئوينىيالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق نامزات فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETO) ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە فەتھۇللاھچىلارنىڭ خىتايغا ئۆتەيدىغان قەرزىمۇ بار ئىدى. چۈنكى خىتاي 2014-يىلىدىن بۇرۇن فەتھۇللاھچىلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەمدە تۈركىيەنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت» سۈپىتىدە سوتلىتىش مەقسىتىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىغا شەرتسىز ياردەم بەرگەنىدى.

2013-يىلى فەتھۇللاھچىلار «زامان گېزىتى»دە «ۋاي، تۈركىيە دائىشنى قوراللىق تېررورچىلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، تۈركىيە ئۈرۈمچىگە 70 مىڭ پاسپورت ئەۋەتىپ، خىتايدىن قوراللىق ئەسكەرلەرنى ئېلىپ كېلىپ، دائىشقا ئەۋەتمەكچى. ھازىر تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن دائىشقا قوشۇلغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ سانى بەش مىڭدىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن يالغان خەۋەرلەرنى تۈركچە ھەم ئىنگلىزچە ئېلان قىلغانىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى دەلىل تەييارلىماقچى ئىدى. ۋەھالەنكى شۇ چاغلاردا غەربنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تەتقىقات شىركەتلىرى دائىشقا قوشۇلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى توغرىسىدا ئەتراپلىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىدە دائىشقا قوشۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 130 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.

دېمەك خىتاي فەتھۇللاھچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەزكۇر 130 غا يېقىن ئۇيغۇرنى تۈركىيە ئارقىلىق دائىشقا ئەۋەتىشكە شەرتسىز قوشۇلغانىدى. مۇشۇنداق بولغاندا، خىتاي ياش ۋاقتىدىن باشلاپ مەرھۇم رەھبەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن يېقىن ئۆتكەن ئەردوغان ھۆكۈمىتىدىن قۇتۇلالايتتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قارالغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىنمۇ قۇتۇلالايتتى. خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قارىلاپ، تېررورلۇققا چېتىشلىق قىلىپ كۆرسىتەلەيتتى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قانۇنىي ئاساس يارىتالايتتى ھەمدە ئۆزى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋالالايتتى. خىتاي بىلەن فەتھۇللاھ گۈلەن گۇرۇھىنىڭ مۇشۇنىڭدەك ئۆزئارا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بۇلارنى خېلى بۇرۇنلا بىر يەرگە جەم قىلغانىدى.

شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، دۇنيادىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەقەتلا ھۆددىگەرلەردۇر، ئۇلار خوجايىنلىرىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە كىمگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشتىن كىمنىڭ ئەڭ كۆپ پايدا ئالغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا ھۆددىگەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيمىز.

خىتاي بۇ قېتىم فەتھۇللاھچىلارنىڭ ھۆددىگەرلىكى بىلەن قازاقىستاندىكى ۋاقىتلىق قالايمىقانچىلىق پىلانىنى يولغا قويدى. خەلقنىڭ ناھەق باھا ئۆسۈپ كېتىشلەرگە ۋە كىرىم تەقسىماتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىغا قارشى باشلانغان ھەققانىي نامايىشى توقۇنۇشقا، ھەتتا ئىشغالىيەت ئۇرۇنىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىلدى. ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتكەن رۇسىيە دەرھال خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى» ئەسكەرلىرىنى قازاقىستانغا ئەۋەتتى. ئالدى بىلەن كېرىم مەسىموف دۆلەتكە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.[5] مەسىموف ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. ئەگەر كېرىم مەسىموفنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر سوراق جەريانىدا ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بارلىقى ئاشكارىلانسا، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا قوزغايدىغان رەسۋاچىلىقنى قېنى سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار.

خىتاي قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ قاسىم جومارت توقايوفنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالىدىغان تاشقى كۈچلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز داۋالغۇش يارىتىپ، رەڭلىك ئىنقىلاب پەيدا قىلماقچى بولغان چەت ئەل كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەۋېلىشقا ئالدىرىدى.[6] يەنى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ كويىغا چۈشتى.

نۇرسۇلتان نەزەربايوفنىڭ باياناتچىسى ئايدوس ئۇكىباي تىۋىتتېر ھېسابىدا نەزەربايوفنىڭ خەلققە «مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قازاقىستاننىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، پىرېزىدېنت توقايوفنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىش ۋە ئۇنى قوللاش» ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقىنى يازدى.[7]

قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرنى ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلايدىغان بولساق، قازاقىستاندا خىتاي بىلەن رۇسىيە ھاكىمىيەت كۈرىشى قىلماقتا. رۇسىيە توقايوفنى ھاكىيەتتە تۇتۇپ تۇرۇشنى خالىماقتا ۋە خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ مەستانىسى مەسىموفنى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق بولسىمۇ ھاكىمىيەتكە چىقىرىشنى ئارزۇ قىلماقتا.

قازاقىستاندىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقى ئېنىق. قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف چەتئەللىك قىسىملارنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قېرىندىشىمىز قازاقىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇقىملىشىشىغا ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ شەيتانلارچە ئويۇنلىرىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىدىغان بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

كېرىم مەسىموف كىم؟

كېرىم مەسىموف 1965-يىلى قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى زىيالىي ئائىلە بولۇپ، دادىسى خىش زاۋۇتىنىڭ دىرېكتورى ئىدى. كېيىن ئۇ مىنىستىرلار كېڭىشى قارمىقىدىكى بىر ئورۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

كېرىم مەسىموف سىياسىيون بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇيغۇر دېسە قازاق، دەپ ناھايىتى كۆپ تالاش-تارتىش قوزغىغان. ئەمما ئۇ داۋاملىق ئۆزىنى قازاق دەپ تۇرۇۋالغان.

ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە 1982-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك فىزىكا ۋە ماتېماتىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن تېخنىكا مەكتىپىدە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە) ئوقۇغان. 1984-يىلى كەسپىنى ئىستىخبارات بۆلۈمىگە يۆتكىمەكچى بولغان بولسىمۇ، بۇ نىيىتى ئەمەلگە ئاشمىغان. 1985-يىلى پاترىس لۇمۇمبانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىقتىساد ۋە قانۇن فاكۇلتېتىدا ئىنگلىز تىلى ۋە ئەرەب تىلىدا ئوقۇپ، ياخشى نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن. كېرىم مەسىموف ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىدىن باشقا، يەنە رۇس، خىتاي، ئىنگلىز ۋە ئەرەب تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

خىتاي بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋىتى

كېرىم مەسىموف ئىككىسى خىتايدا، بىرى قازاقىستاندا بولۇپ ئۈچ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ 1987-يىلى KGB دە (سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق مەكتىپى) ئوقۇغانلىقى ۋە 1989-يىلى ئورگانلار ئارا ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتايغا ئەۋەتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئۇ 1989-يىلى خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، خىتاي تىلى ئۆگەنگەن. كېيىن 1991-يىلىغىچە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

كەسپىي ھاياتى

كېرىم مەسىموف 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى سودا ئۆمىكىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1991-يىلى قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەمگەك مىنىستىرلىقىدا تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن قازاقىستاننىڭ ئىشتات ۋە سودا ئورگانلىرىدا كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىچىدە خىتاي ۋە خوڭكوڭ بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارمۇ بار.

ئۇ 1992-يىلىدىن 1993-يىلغىچە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە قازاقىستانغا ۋاكالىتەن خىزمەت قىلغان ۋە قازاقىستاننى خىتاي ماللىرى بىلەن تەمىنلەش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇ كەسپىي ھاياتىدا تېزلىكتە قەد كۆتۈرگەن. 1995-يىلى قازاقىستان دۆلەت ئاكادېمىيەسىنىڭ مالىيە ۋە كىرېدىت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دىپلومنى ئالغان. 1995-يىلدىن كېيىن بانكا كەسپىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. 1995-يىلدىن 1997-يىلغىچە بىر قانچە بانكىدا بانكا باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن (بانكىنىڭ كۆپلىگەن نېفىت شىركەتلىرى بىلەنمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم).

مەسىموف 1997-يىلدىن باشلاپ تۇران بانكىسىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان، 1997-يىلدىن 2000-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خەلق ئامانەت بانكىسىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى مەسىموفنىڭ نۇرغۇن پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز پايدا ئالماقچى بولغانلىقىنى، خەلق ئامانەت بانكىسىنىڭ كۇلىبايوف ۋە ئۇنىڭ ئايالى دىنارا نەزەربايوۋانىڭ مۈلكىگە ئايلانغانلىقىنى قايتا-قايتا ئاشكارىلىغان. 2006-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆججەتلەردە، ئۇنىڭ مەزكۇر بانكىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ پېيىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنالمىغان.

2007-يىلى كېرىم مەسىموف نەزەربايوف تەرىپىدىن قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بەزى تەھلىلچىلەر ئۇنىڭ بۇ جەرياندا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوللاپ شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېرىم مەسىموفنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە بىر نەچچە خىل خىتايچە ئىسىم ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم.

بەزى مەنبەلەر كېرىم مەسىموفنىڭ ئەينى يىللىرى سابىق پىرېزىدېنت نەزەربايوف تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ مىللىي كېلىپ چىقىشى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى يازغان.

كېرىم مەسىموفنىڭ قېيىنئاتىسى راخات ئەلىيوف كىتابىدا كۈيئوغلىنىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتنىڭ باش خەزىنىدارلىق رولىنى ئالغانلىقىنى يازغان. ئۇنىڭ يەنە 1999-يىلى يۈز بەرگەن «Kazakhgate» سەتچىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋاسىتىچىلىق رول ئوينىغانلىقى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قازاق ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا نېفىت شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە پارا بەرگەنلىكىگە ئائىت پۇل يۇيۇش ئۇرۇنۇشىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇ پۇلنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك بانكىلارغا يۆتكەلگەنلىكى كېيىن ئاشكارىلانغان.

خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى كېرىم مەسىموفنىڭ خىتاي شېئىرىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، ئۇنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ بىر قىسىم پۇل-مۇئامىلە گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ ئەيىبلەشلەر خىتاينىڭ قازاقىستاندا پۇرچاق تېرىش ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تۈرلىرىگە قەرز بېرىش قاتارلىق چوڭ سەتچىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى قاتارلىقلار بىلەن داۋاملاشقان.

خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن مەسىموف ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ سودىدىكى شەخسىي مەنپەئەتىدىن باشقا يەنە، 2008-يىلى سىنگاپوردا 7 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق ھەشەمەتلىك ئۆي-مۈلۈككە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما ھېچقايسىسى ئىسپاتلانمىغان. تەھلىلچى قانات بېرېنتايوف باياناتىدا، قازاقىستان تاموژنا بىرلىكى دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى خىتاينىڭ تەسىرىگە تاشلاپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كېرىم مەسىموفنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى

قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ 2005-يىلدىن باشلاپ رەقەملىك كونترول مېخانىزمىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 2012-يىلغىچە بولغان دەۋرىدە قازاقىستان سىنگاپوردىن قالسىلا پۇقرالارغا تور ئىلتىماسى ئارقىلىق كابىنېت بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتى بېرىشتەك ئۇچۇر تېخنىكا تۈرىدە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. شۇنداقلا بارلىق قازاقىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىدا چىڭ تۇرغانلىقىمۇ مەلۇم.

كېرىم مەسىموفنىڭ ئائىلىسى

كەرىم مەسىموفنىڭ ئايالى دىليارا مەسىموۋا بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتى بار. قىزى تامىلا مەسىموف سىنگاپوردا ئوقۇماقتا.

قىزىقىشلىرى

كېرىم مەسىموف بىر كەسپىي تەنھەرىكەتچى. ئۇ مۇشتلىشىش-چېلىشىش سەنئىتىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى تايلاندچە بوكس بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇنداقلا جانبازلىق بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان. ئۇ يەنە خىتاي ۋە ياپون شېئىرىيىتىگىمۇ ئالاھىدە قىزىقىشى بىلەن تونۇلغان.

 

2022-يىلى 14-يانۋار

 

مەنبەلەر:

بۇ خەۋەر 1704 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2022 19:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق