تالىبان ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننى جىددىي ئاگاھلاندۇردى

تالىبان مەسئۇللىرى سابىق ئافغانسىتان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ھەربىي ئايرۇپىلانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇردى.

ب ب س نىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانسىتاننىڭ ۋاقىتلىق مۇداپىئە مىنستىرى موللا مۇھەممەد ياقۇپ ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننى جىددىي ئاگاھلاندۇردى.

موللا مۇھەممەد ياقۇپ مۇجاھىد سۆزىدە، تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىدا سابىق ئافغانسىتان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ھەربىي ئايرۇپىلانلارنىڭ ھازىرغىچە قايتۇرۇلمىغانلىقىدىن سەۋر قاچىسىنىڭ تولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر موللا مۇھەممەد ياقۇپ قوشنا دۆلەتلەرگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن مەزكۇر ئايرۇپىلانلارنىڭ ئافغانىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن تەلەپ قىلغانلىقىنى، قايتۇرۇلمىغان تەقدىردە ئۇلارنى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق بولسىمۇ قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

تالىبان ئىلگىرىمۇ تاجىكىستاندىن ئايرۇپىلانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئەمما ياخشى مۇناسىۋەت ساقلاپ كەلگەن ئۆزبېكىستاننى تۇنجى قېتىم بۇ شەكىلدە جىددى ۋە ئېنىق شەكىلدە ئاگاھلاندۇرى.

موللا مۇھەممەد ياقۇپ سۆزىدە: «بىزلەرنى مەجبۇر قىلمىسۇن، ياخشىلىق بىلەن قايتۇرۇشسۇن، سەۋرىمىزنى سىنىمىسۇن ۋە قولىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا مەجبۇرلىمىسۇن. مۈلكىمىزنى قايتۇرسۇن. ھۆكۈمىتىمىز يېڭى قۇرۇلغان ۋە كۈچسىز بولسىمۇ، ئەمما شىجائەتسىز ئەمەسمىز، قولىمىزدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ كۈچىمىزنى كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئافغانسىتان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەتبۇئات كاتىپى ئىنايەتۇللاھ خارەزمى ب ب س بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئافغانسىتان ئۆزبېكىستان بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆز مۈلكىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۆزبەكسىتاندا 10 كۆپ ھەربىي ئايرۇپىلان بار.

ئافغانسىتاننىڭ تولو نىيۇز قانىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، مىنسىتىر مۇھەممەد ياقۇپ، تالىبان ھاكىمىيەتنى ئىگەللەش جەريانىدا ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا 40 تىن كۆپرەك ھەربىي ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچىلارنىڭ قېچىشى بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ھازىرغىچە تالىباننىڭ سۆزلىرىگە جاۋاپ قايتۇرمىدى. تالىبان بولسا ھاكىمىيەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ۋە كابۇلنى ئىگەللىگەندىن كېيىنمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلمەكتە.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تالىبان ئېلان قىلغان ئىسلامى ئەمىرلىكنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادى جەھەتتىن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە بولماقتا.

ئۆزبېكىستاندىن باشلىنىپ، ئافغانىستاننى كېسىپ ئۆتۈپ، پاكىستانغا بارىدىغان تۆمۈر يولى قورۇلۇشىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۆزبېكىستان قوشنا ئافغانىستان بىلەن بولغان سودا – تىجارەتنى توختاتمىدى. ئافغانىستان ئېلىكتىرىككە بولغان ئېھتىياجىنى ئاساسەن ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئارقىلىق قامدايدۇ. شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ئافغانىستان خەلقىگە توشۇلۇۋاتقان ئىنسانىي ياردەملەرنىڭمۇ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

تالىبان دائىرىلىرى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئافغانىستان تەرەپتىن ئۆزبەكسىتانغا ھېچقانداق خەۋپ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 4803 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2022 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق