خىتاي تۈركىيەنى ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى 12-يانۋار خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پۇرسىتى مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدۇق. ئۇيغۇر تۈركلىرى قاتارلىق كۈنتەرتىپىمىزدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى ۋە سەزگۈرلۈكلىرىمىزنى بىلدۈردۇق» دېگەنىدى.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي دەرھاللا جەنۇبىي خىتاي ئەتتىگەنلىك پوچتا گېزىتى ئارقىلىق جاۋاب بەردى. مەزكۇر خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ مەنسەپدىشى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىغا ئىككى تەرەپنىڭ مىللىي مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى ۋە ئىپادىلەردە تۈركىيەنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىقا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ۋاڭ يىنىڭ مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئىككى تەرەپنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتا بىر-بىرىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ تۇتۇمنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 705 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2022 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق