خىتايدىكى نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى

خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1960-يىللارنىڭ بېشىدا 30 مىليون ئۆلگەن ئاچارچىلىقتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى خىتايدىكى «60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە» گە چۈشۈپ قالغان.

بېيجىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 31 ئۆلكە ۋە رايوننىڭ نوپۇسى 2020-يىلى ئاران 480 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، يىل ئاخىرىدا تەخمىنەن 1 مىليارد 412 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن.

تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 7.52، ئۆلۈش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 7.18، نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى ھەر مىڭدا 0.34 بولغان.

ئېشىش سۈرئىتى «چوڭ سەكرەش» دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالغا چۈشكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنسىت رېجىمىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭنىڭ رەھبەرلىكىدە يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە يېزا بايلىقىنى سانائەتلەشتۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 1958، 1962-يىللىرى بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن تەخمىنەن 30 مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.  شۇڭلاشقا نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1960-يىلى ھەر مىڭ ئادەمگە 4.5 كە چۈشۈپ قالغان.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان 10 يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، چوڭ قۇرۇقلۇق نوپۇسى 10 يىلدا تەخمىنەن 72 مىليون ئاشقان، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمگە 5.3 بولغان. نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى 10 يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەر مىڭ ئادەمدە 0.4 تۆۋەنلىگەن.

1998-يىلدىن بۇيان، تۇغۇلۇش نىسبىتى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ پەرقى %1 كىمۇ يەتمەيدىغان خىتايدا، نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە.

NBS نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، 2021-يىلى خىتايدا تەخمىنەن 10 مىليون 620 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 2020-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %11.5 ئازايغان، بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا 12 مىليون بوۋاق تۇغۇلغانىكەن.

2020-يىلى خىتايدا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %18 ئازايغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا 14 مىليون 650 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان. بۇ يىل خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن تۆۋەنلەش نىسبىتى بولغان.

2021-يىلى تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 7.52 كە چۈشۈپ، خاتىرىلىنىشكە قارىغاندا بۇ دۆلەتتە تۇغۇلغان ئەڭ تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتى بولۇپ قالغان.

نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرى ۋە جەمئىيەتشۇناسلار: نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2022 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق