خىتاي ئىران ۋە سۇرىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان خىتاي ئىران بىلەن ئىمزالىغان 25 يىللىق كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىرانغا مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن خىتاي رېجىمى سۈرىيە بىلەنمۇ ئوخشاش كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

بىرگۈن گېزىتىنىڭ 16 – يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 25 يىللىق كېلىشىم رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. جۈمە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 25 يىللىق كېلىشىمنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا ماقۇللانغانلىقى بايان قىلىنغان. باياناتقا قارىغاندا، مىنىستىر ۋاڭ يىغىن جەريانىدا ئىرانلىق مەنسەپدىشىغا ۋاشىنگىتوننىڭ تېھرانغا قاراتقان جازاسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران ئاخبارات قانىلى پرەس تېلېۋىزىيىسى Press TV ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارقىلىق خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان خەت ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى 2021-يىلى 27-مارت ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى. مەزكۇر 18 بەتلىك كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى 7-ئايدا تېكىست لايىھىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش، تۆمۈر يول، تاشيول ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق بىر قاتار تېمىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرى دائىرىسىدە ئىمزالانغان ۋە ئەمدىلا يولغا قويۇلغان بۇ كېلىشىم بىلەن بېيجىڭ رېجىمى ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە 280 مىليارد دوللار، ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات پائالىيەتلىرىگە 120 مىليارد دوللار بولۇپ، جەمئىي 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ. ئىران بولسا بۇ مەبلەغنىڭ بەدىلىگە خىتايغا ئەرزان باھادا نېفىت ساتىدۇ. خىتاينىڭ بۇلتۇرقى خام نېفىت ئىمپورتىنى ئىككىگە قاتلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ دوكلاتلاردا ئەكس ئەتتى. سانلىق مەلۇمات ئانالىز شىركىتى Kpler ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2021-يىلى خىتاينىڭ نېفىت ئىمپورتى 324 مىليون تۇڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %53 ئاشقان.

ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن يېڭى مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان خىتاي بۇ ھەپتە ئارقا-ئارقىدىن دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرىنى بەردى. دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (GCC) دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، بەھرەيىن ۋە ئومان بۇ ھەپتە بېشىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شاڭخەيگە يېقىن ۋۇشى شەھىرىدە ساھىبخانلىق قىلغان مىنىستىرلار بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى ۋە بۇ يىغىنلاردىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى تولۇق قوللايدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

خىتاي يەنە يېڭى كېلىشىم بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. 12-يانۋار سۈرىيە پىلان ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى فادى ئەل خەلىل بىلەن خىتاينىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېڭ بياۋ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاينىڭ سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە، توك ۋە باشقا ئېنېرگىيە مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن قەرز پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2022 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق