فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيە پارلامېنتىدا 17-يانۋار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش لايىھەسى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 17-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىن 20-يانۋار فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

يىغىنغا فىرانسىيەدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»، «فىرانسىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى»نىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرىدىن فىرانسىيەدىن گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىل، گوللاندىيەدىن ئۆمەر بېكئالى ۋە قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى مۇتەخەسسىسى ئېرىن فارېل روزېنبېرگ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلار بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز قاتارلىقلار تور ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان. شۇنداقلا خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق خادىمى ئېما رېلى 20-يانۋار ئاۋازغا قويۇلماقچى بولغان قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزگەن. مۇخبىرلار يەنە نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان.

فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى رەئىسى ئولىۋېر فور تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، 20-يانۋار ھەربىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇ مەسىلىگە ۋىجدانىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى، پارلامېنتنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2022 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق