چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرۇپ، سىنلىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 15-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار»، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى بەس-بەستە ماختىغان.

يىغىن جەريانىدا تۈركىيەدىكى خىتاي ياشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئانادولۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كامران ئەكرەم: «بەزىلەر مەندىن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىسا، مەن ئۇلارغا يۇرتۇم شىنجاڭنىڭ سۈرىتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىمەن، ئۇلار سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ شۇنچە تېز بولۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالىدۇ، مەن شىنجاڭغا قارىتىلغان ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا، تۆھمەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمەن» دەپ بىلجىرلىغان.

تۈركىيەدىكى خىتاي ياشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەراپات ئادىل خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىۋاتقان مەزگىلىدە خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ئۇلاردىن ناھايىتى مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە-خىتاي ياشلار ئىگىلىك تىكلەش باش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى كامىل روزى تۈركىيەدە سودا قىلىۋاتقان بىرى بولۇپ، ئۇ 2021-يىلى ئۆزىنىڭ باشقا جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «نەتىجىلىرى»نى تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «ۋەتەن مەڭگۈ بىزنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار» بىلەن سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يالغان گۇۋاھلىقلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقتا ۋە بۇنى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا.

مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ماڭقۇرتلۇق، ئۆز مىللىتىگە قىلىنغان خائىنلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىي، ۋىجدانىي تۇيغۇلىرىنى يوقاتقان بۇ شەخسلەرنىڭ چوقۇم لەنەتلەنگەن ھالدا تارىخقا خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

 تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1160 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2022 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق