خىتاينىڭ قاباھەتلىك چۈشى رېئاللىققا ئايلاندى

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ئەندىشە قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاخىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون نۇسخىسى بېيجىڭنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

خىتاي رېجىمى پات يېقىندا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭنى قاتتىق قوغداشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون نۇسخىسى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىككى ھەپتە قالغاندا بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. ئومىكرون نۇسخىسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بېيجىڭدا تۇنجى بايقىلىشى بىلەن خىتاي كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى بېيجىڭ شەھىرىدە بايقالغان بىردىنبىر ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەسلى يۇقۇش مەنبەسىنى تاپالمىغان. ئىگىلىنىشچە، مەزكۇر يۇقۇملانغۇچى يېقىندا باشقا شەھەر ياكى دۆلەتنى زىيارەت قىلمىغانىكەن. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر يۇقۇملانغۇچىنىڭ تۇرالغۇ بىناسى ۋە خىزمەت بىناسىنى تولۇق پېچەتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقانلار ئىنچىكە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدىكى بىر خىزمەت ئورنى 15-يانۋار كەچ سائەت 10:00 دىن باشلاپ ئىچىدىكى ئىشچىلار بىلەن قۇلۇپلانغان ھالەتتە بولۇپ، ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشىنىڭ مەزكۇر خىزمەت ئورنىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر مەزكۇر بىنانى ئىچىدە خىزمەتچىلەر بار ھالەتتە تاقىۋالغان. ئىشخانىسىدا تۇيۇقسىز كارانتىنغا ئېلىنغان خادىملار نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا، دائىرىلەر بىنا ئىچىدە قالغانلارغا كارىۋات ۋە ياستۇق تەمىنلىگەن.

بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە بېيجىڭ شەھىرى ئومۇميۈزلۈك كارانتىن قىلىش ھالىتىگە تولۇق كىرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭغا كەلگەن بارلىق يولۇچىلار شەھەرگە كەلگەندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە قوشۇمچە خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرۈش سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ھېچقانداق چاتاق چىقارماستىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خىتاي ۋىرۇسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى بويىچە پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللانماقتا. چوڭ شەھەرلەردە كۆرۈلگەن بىر قانچە يۇقۇملانغۇچى سەۋەبلىك مىليونلىغان كىشىلەر ئۆيىگە سولاپ قويۇلماقتا ۋە ۋىرۇس تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلمىغانلار كوچىلاردا سازايى قىلىنماقتا.

بېيجىڭنىڭ شىمالىدىكى قوشنا شەھىرى تيەنجىن شەھىرىدە 97 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن 14 مىليون نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىنغاندىن سىرت، شىئەن، يۈجوۋ، ئەنياڭ قاتارلىق شەھەرلەرمۇ يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغانلىقى سەۋەبلىك ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى قاتتىق ۋە غەلىتە تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، 4-فېۋرال باشلىنىدىغان ئولىمپىك جەريانىدا تەنھەرىكەتچىلەر، ئەمەلدارلار، ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ پەقەت بەلگىلەنگەن ئورۇندىلا ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن شاردىن ياسالغان «يېپىق ھالقا» ئورنىتىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پەقەت شۇنىڭ ئىچىدىلا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى ۋىرۇس تەكشۈرۈش سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى، مۇسابىقىگە قاتناشمىغاندا ياكى مەشىق قىلغاندا ماسكا تاقىشى كېرەكلىكى، لىفىت ئىچىدە پاراڭلاشماسلىق كېرەكلىكى، تاماشىبىنلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بەرگەندە چاۋاك چالسا بولىدىغانلىقى، ئەمما ۋارقىراپ مەدەت بېرىش ياكى ناخشا ئېيتىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى... قاتارلىق چەكلىمىلەر ئېلان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن يەنە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېلەتلىرىنى سېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، پەقەت چەكلىك ساندا تاللاپ چىقىلغان «ئىشەنچلىك كىشىلەر»گىلا تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ۋىرۇس تەكشۈرۈش سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەلگىلىمىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېلەتلىرىنىڭ پەقەت خىتاي ئىچىدىكى پۇقرالارغىلا سېتىلىدىغانلىقى، چەت ئەللىك تاماشىبىنلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2022 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق