ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ب د ت نىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى 18-يانۋار ئوچۇق خەت يېزىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى كېلەركى ئايدا باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھازىرغىچە تەكشۈرەلمىگەن بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئوچۇق خەتنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جېف مېركلى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرن ئەۋەتكەن بولۇپ، باچېلېتتىن دوكلاتنى 4-فېۋرال بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مېركلى بىلەن مىكگوۋېرن دېموكراتچىلاردىن بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە بىرلەشمە رەئىسى.
مېركلى بىلەن مىكگوۋېرننىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خەلقئارانىڭ دىققەت-ئېتىبارىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ب د ت شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بۇلتۇر 12-ئايدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلاتنى كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ