يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ 120 دۆلەتتىن 10 مىڭ كىشىنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» 18-يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە قايتۇرۇپ كېتىشنى تېزلەتكەن بولۇپ، خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان.
خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدىن قورقۇپ چەت ئەلگە قاچقان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىدە، خىتاي رېجىمى قاچقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەن. خىتاي ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى 2014-يىلدىن باشلاپ 120 دۆلەتتىن 10 مىڭ كىشىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلگە قاچقان كىشىلەر ئەيىبلەنگەن ياكى ئەيىبلەنمىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي يەرشارى خاراكتېرلىك تور يېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە چەت ئەلدىكى كۆچمەنلىرىنى جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2020-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر يىل ئىچىدە 11 مىڭ كىشى سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا %700 كۆپەيگەن.
قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىي قانۇنسىز ھالدا خىتايغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلانغان. خىتاي نۆۋەتتە بۇ خىل مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش قىلمىشنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدىغان ھالەتكە كەلگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، چەت ئەلدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. 2020-يىلدىن باشلاپ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ پارتلىشى خەلقئارادىكى بېرىش-كېلىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، كەم دېگەندە 2500 كىشى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئوۋلاش ھەرىكىتى» يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ پەسەيمىگەن.
قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى 2020-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ تۈركىيە، ماراكەش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېنىقلاپ چىققان. گەرچە خىتاي ۋىرۇس سەۋەبلىك چېگرانى تاقىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەزكۇر دۆلەتلەرگە داۋاملىق ئالاھىدە خادىم ئەۋەتكەن.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاساسلىق نىشانغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا. جۈملىدىن خىتاي ئالاھىدە خادىم ئەۋەتىش ۋاسىتىلىرى بىلەن، 2018-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەھمەد تالىپنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇندىن باشقا ماراكەشتە تۇتقۇن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى بولماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ