تۈرلۈك كىرىزىسلار تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاجىزلاۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر تۆتىنچى پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %4 بولۇپ، 18 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان خەتەرلەر كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى ئومىكروننىڭ خىتايدا تارقىلىشقا باشلىشى بۇ خەتەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئېھتىياجنىڭ ئازىيىشى، تەمىنلەش زەربىسى ۋە مۆلچەرنىڭ ئاجىزلىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بېسىم سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ بۇ يىل داۋاملىق ئاستىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
خىتاي 12-ئايدا ئېچىلغان مەركىزىي ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا «مۇقىملىقنى قوغداش» دېگەن سۆزنى ئاز دېگەندە 25 قېتىم تەكىتلىگەن. بۇ كېلەر يىللىق مۇھىم نۇقتىلارنى بەلگىلەيدىغان يىللىق يىغىن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلىنىشىغا ھېچقانداق نەرسە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي خەلق بانكىسى دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆسۈم نىسبىتىنى 2020-يىلى 4-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەتكەن. بۇ تەدبىر يېقىنقى ئايلاردا بىر قاتار قويۇپ بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان مەزگىلدىكى زىياننى تولۇقلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، جىددىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە گەرچە خىتاينىڭ ئېكسپورتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاي ئىچىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن. خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋاملىشىشى، خىتاي ئىچكى ئىستېمالىنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى 2022-يىلدىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىگە داۋاملىق ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ