خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي رېجىمىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشۋىقات كوزىرى سۈپىتىدە قوللىنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 19-يانۋاردىكى باياناتىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سىياسىي تەشۋىقات كوزىرى قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىق ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن باشقا تەرەپكە بۇرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك دائىرىلىرى بولسا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار نارازىلىق بىلدۈرگەن تەقدىردە، جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ 2008-يىلى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد دۇنيانىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ساۋاقلارنى ئەستە ساقلىشى كېرەكلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەرگەن ۋەدىسىنى ئەزەلدىن ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى مەزگىلىدىكى قاتتىق چەكلىمىلەرگە قارىتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئون نەچچىلىگەن دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت ياكى يۇقۇمدىن ساقلىنىش سەۋەبلىك، بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەر يەنىلا نورمال قاتنىشىدۇ. ئولىمپىكقا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈنتەرتىپكە تۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ئالدىنقى كۈنى تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ