ھىندىستانلىق 17 ياشلىق ئۆسمۈر چېگراغا يېقىن جايدا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 20-يانۋار ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا يوقاپ كەتكەن 17 ياشلىق ھىندىستانلىق ئۆسمۈر مىرام تارومنىڭ خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاي بىلەن ئالاقىلىشىپ، مىرام تارومنىڭ ئىز-دېرىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ياش سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان.
خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا زىددىيىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى سەۋەبلىك، چېگرا رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال تۇرمۇشى ئىزچىل تەسىرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ