خىتاي رەسسام ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يورۇتۇپ بەردى

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، خىتاي رەسسام خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كارتون رەسىملىرى (كارىكاتۇر) ئارقىلىق يورۇتۇپ بەردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا تەنتەربىيە ساياھىتى قىلىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى باشلىغان. خىتاي رەسسام بۇنىڭغا قارشى ھەشتەك يوللاپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەسىم ئەسەرلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.

تۈرلۈك ئىرقچىلىققا قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، باديۇساۋ تەخەللۇسىدىكى خىتاي رەسسامنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ بىرىدە قار تېيىلىش تۈرى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، قار تېيىلىش تاختىسىنىڭ ئورنىغا كۆزىتىش كامېراسىنى سىزغان ۋە بۇنى «خىتايدىكى زامانىۋىلاشقان رەقەملىك مۇستەبىتلىك» دەپ ئاتاپ، پۇقرالارنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتىنىڭ كۆزىتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

يەنە بىر رەسىمدە مۇز توپ ئويۇنىنى ئىپادىلەيدىغان كارتون سىزىلغان بولۇپ، سەنئەتكار بۇنى خىتاينىڭ تىبەتنى ئىشغال قىلىشىغا سىمۋولى قىلغان ۋە خىتاينىڭ تىبەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈش ۋە تۈرمىگە قاماش جىنايەتلىرىنى جانلىق ئىپادىلىگەن.

ئۈچىنچى رەسىمدە قارىغا ئېتىش بىلەن چاڭغا تېيىلىش تۈرى بىرلەشتۈرۈپ سىزىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سىمۋول قىلىنغان.

يەنە بىر رەسىمدە سىيرىلما توپنىڭ ئورنىغا خىتاي ۋىرۇسى سىزىلغان بولۇپ، ۋىرۇس تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ۋۇخەندە تارقىلىشقا باشلىغان مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوشۇرغانلىقى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالمىغانلىقى سەۋەبلىك، پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي سەنئەتكار يەنە 2022-يىللىق بېيجىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ناتسىست گېرمانىيەسى 1936-يىلى ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەكرارلىنىشى دەپ قارىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ: «نېمىدىن قورقۇۋاتىسىلەر؟ تەنھەرىكەتچىلەرنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلىڭلار، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردۇر» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 945 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2022 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق