ئامېرىكا خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 50 كە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى توختاتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خىتاي ۋىرۇسى ئومىكرون نۇسخىسىنىڭ بېيجىڭدا بايقىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇش لىنىيەسىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىغا جاۋاب سۈپىتىدە، خىتاينىڭ تۆت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىن يولغا چىقىدىغان 44 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋىياتسىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى بۇ قېتىملىق توختىتىشنىڭ 30-يانۋار شيامېن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ لوس ئانژېلېستىن شيامېنغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ چەكلىمىنىڭ 29-مارتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قارارغا ئاساسەن شيامېن ئاۋىياتسىيەسى، خىتاي ئاۋىياتسىيەسى، خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى ۋە خىتاي شەرقىي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى توختىتىلىدىكەن.

قاتناش مىنىستىرلىقى فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭمۇ خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك ئۇچۇش چەكلىمىسىگە قارشى ئوخشاش تەدبىر قوللانغانلىقىنى، خىتاينىڭ 44 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى توختىتىشىنىڭ جامائەت مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە قاراتقان بىر تەرەپلىمە ھەرىكىتىنىڭ ئۆزئارا كېلىشىمگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ باياناتىغا ئىلاۋە قىلغان.

ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىكى يەنە ئەگەر خىتاي ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتسە، ئامېرىكىنىڭمۇ ئۆز قارارىغا قايتا قاراپ چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي تېخىمۇ كۆپ نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۈچ ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ۋەكىلى بولغان «ئامېرىكا ئاۋىياتسىيەسى» ۋاشىنگتوننىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنى «ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايغا كىرىدىغان خىتاي ۋە چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە تەۋە ئۇچۇشلارنىڭ باراۋەر، ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇشنى توختىتىش ھەرىكىتىنىڭ «تولىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش» ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنى مەزكۇر چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ئۆتكەن يىل 31-دېكابىردىن بۇيان بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارىتا سىناق نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىقىشى بىلەن، 20 بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتى، 10 ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە 14 دېلتا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى توختاتقانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 789 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2022 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق