ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىتلىككە قارشى ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېلىزابېت تىرۇس 21-يانۋار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دېموكراتىيەگە قارشى مۇستەبىت كۈچلەرگە قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

ئېلىزابېت تىرۇس ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا قىلغان سۆزىدە ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چوقۇم بىرلىشىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارى خاراكتېرلىك تاجاۋۇزچىلارنى توسۇش كېرەكلىكىنى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تىرۇس ۋە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋالېس جۈمە كۈنى سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋسترالىيە-ئەنگلىيە مىنىستىرلار مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئېرىشىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتوننىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيانغا ھەربىي  كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيەدە ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى يوق ئىكەن.

يىغىن ئاخىرىدا ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ئەسكەر كۆپەيتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2022 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق